تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەۋقە ھازىرغا ۋە يىراق كەلگۈسىگە قويۇلۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەر سىستېمىلىق پىلانلاندى، بۇ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كەڭ ئورگان كادىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى كونكرېت تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ «مۇھىم بازا، مۇھىم سۇپا، مۇھىم يول»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيىتى جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتى جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قوش يۆنىلىشتە كۈچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى، شىنجاڭغا ئالاقىدار سىرتقا قارىتىلغان كۈرەشنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. خەلقچىل ھېسسىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكىللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپ بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ زىچ مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.