تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىشىمىز، كەڭ، ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، زىچ، ياخشى بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىر مەقسەت، بىر نىشاندا، ماس قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەت، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتبىقلاپ، يەرلىكتىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى، خەلق مەنپەئىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىشخانىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش پونكىتى»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دەۋر خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېز ئىلگىرىلەش قىياپىتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ھالەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چىڭ، سو يۆ، توختى ياقۇپ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.