تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نېمىدېگەن گۈزەل! سىزگە 9-ئايدىكى چوڭقۇشتاينى كۆرسىتەي

چوڭقۇشتاي كەنتى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسى قارادالا يېزىسىغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، سۇنى بويلاپ بەرپا بولغان، كەنتتىكى ئاھالىلەر قازاق چارۋىچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 2010 ـ يىلى «جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى» بولۇپ باھالانغان. 9 ـ ئاي كىرىشى بىلەن بۇ يەردە كۈز تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، رەڭگارەڭ ئورمانلىق، تىمتاسلىققا چۆمگەن كۆۋرۈك سۈپسۈزۈك ئېرىق سۇلىرىنى كېسىپ ئۆتتى، چارۋىچىلار كالا، قوي پادىلىرىنى ھەيدىگىنىچە تاغ ئارىسىغا يۈرۈپ كەتتى. قارىغايلار شامالدا يەلپۈنۈپ، قۇشلار ئورمان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەستخۇش قىلدى. (نازارەتچى : تيەن تۇڭ، مەسئۇل مۇھەررىر: سۇ مېڭ، مۇھەررىر: شىرزات، ھەمكارلاشقان ئورۇن تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.