ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە) 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى «بورتالادا جەم بولۇپ، كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» ناملىق MV ئانار بۇلۇتتا تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى.
بۇ ناخشىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئىشلىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى نازارەت قىلىپ ئىشلىگەن، تېكىستىنى يەن شۈيماۋ يازغان، مۇزىكىسىنى خۇ ۋېيدۇڭ ئىشلىگەن، فىلىمنى شيامۇ دەنگاڭ ئىشلىگەن، يې لىنخۇا مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلغان، دىيېر ئىستېرېئولۇق ئارىلاشما ئاۋاز ئىشلىگەن، يۈن دو بىلەن تاسقىن بىرلىكتە ئورۇنلىغان.
«ئاق بۇلۇتلار تۇلپار سىياق، كىيدى لىباس شەپەقتىن يايلاق، تىيانشاننىڭ ئانارگۈللىرى، بورتالادا چاچتى خۇش پۇراق... خۇش كەپسىز يىراقتىن ئەزىز دوستلار، بۈگۈن بورتالادا جەم بولدۇق دىدار، گۈزەل كەلگۈسى كۈتمەكتە بىزنى، ئاشسۇن كۆك باغرىدا ئارزۇ- ئارمانلار، خۇش كەپسىز يىراقتىن ئەزىز دوستلار، ئۇچراشتۇق بىز پارلاق قۇياش نۇرىدا، ئۆركەشلەيدۇ ئارزۇ- ئارمان دىلاردا، سۆيىمىز سېنى ئەي ئۇلۇغ جۇڭخۇا...» ئاساسىي ناخشىنىڭ رىتىمى تېز، ناخشا تېكىستى راۋان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، سەمىمىيلىككە تولغان بولۇپ، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە ئىدى.
شيامۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ناخشا دەسلەپكى باسقۇچتا توپلانغان 33 ناخشا ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، تەشكىلىي كومىتېت ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ناخشا تېكىستىنى ئون نەچچە قېتىم تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، ناخشا تېكىستىگە مىللىيچە مۇزىكا ئامىلى ۋە مودا ئېقىم ئامىللىرى قوشۇلۇپ ئىشلەنگەن، «ناخشىدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا خام ماتېرىيالى ئىشلىتىلىپ، ئىتتىپاق، تەرەققىي قىلغان، ئىناق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان باش تېما گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ بورتالادا جەم بولۇپ، ئارزۇغا ۋە كەلگۈسىگە ئىنتىلىشتەك يۈرەك ساداسى يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان ۋە ئىپادىلەنگەن».
«بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىش، ئوركېستىرلاشتۇرۇشتا ئىسكىرىپكا، پىيانىنو ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ئات باشلىق غېجەك قاتارلىق مىللىيچە چالغۇلار قوشۇلغان، مۇزىكا ئۇسلۇبى ھەيۋەتلىك، يەنە <شىنجاڭ تۈسى> بار.» يې لىنخۇا مۇنداق دېدى: مۇزىكىنىڭ ئەگرى سىزىق لايىھەسى ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىشى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئارىلاپ چېلىنىدىغان قىسمىدا مىللىيچە چالغۇلار ئارقىلىق تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشكەندەك كەيپىيات يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە MV كۆرۈنۈشى قوشۇلۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىدىغان مەنىۋى كۈچ نامايان قىلىنغان.
«سۆيۈملۈك بىر تال ئەتىرگۈل» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ناخشىچى تاسقىن «ئېتىقاد نۇرى»، «مۇھەببەت دېگەن سىز ۋە مەن» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتقان ناخشىچى يۈن دو بىلەن «بورتالادا جەم بولۇپ، كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» ناملىق ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتتى.
«ئۈنگە ئالغان ۋاقىتتا، كۆز ئالدىمدا ھەمىشە تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى، يەنە ھەر مىللەت تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ تىرىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى نامايان بولدى. باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، مەن سەھنىگە چىقىپ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاپ، كۆپچىلىككە ناخشا ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمەن» دېدى تاسقىن.