تىيانشان تورى خەۋىرى 9 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسىدىكى يايلاق تاش شەھىرى يازدىكى يېشىللىقتىن تەدرىجىي كۈزدىكى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىپ، يايلاق تاش شەھىرى قۇيۇق كۈز تۈسىگە كىردى، رەڭگارەڭ دەرەخلەر غەلىتە تاشلار بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ گۈزەللەشتى. يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، جېمىنەي ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتورلار: سېرك كېنسىقان، خاسىتېر قادىس، ئېنمۇت مايسان
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: جېمىنەي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى