تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭلىق فوتوگراف ئاپپارات كۆزى ئارقىلىق تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى

لى شياڭدۇڭ

مەن 1985- يىلى 5- ئايدا شىداچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك بېشىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بىر مۇنارسىمان كىرانغا چىقىپ، تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى شىداچياۋ كۆۋرۈكى ئالدى كۆرۈنۈش قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ كوچا مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتىم. سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەككىز قەۋەتتىن يۇقىرى ئېگىز بىنا يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر يىلى دېگۈدەك شىداچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىغا يېقىن جاي ياكى ئوخشاش ئورۇندىكى ئۈزلۈكسىز قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئېگىز بىنالاردا مەن خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى كۆزەتتىم ۋە سۈرەتكە تارتتىم.

▲1985- يىلى 5- ئايدا، جەنۇبىي دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا باسما زاۋۇتىدىن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ كۆۋرۈكى ۋە تىيانشان رايونى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

▲2021- يىلى 10- ئايدا، جەنۇبىي دوستلۇق يولى ئاسمىنىدىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ كۆۋرۈكى ۋە تىيانشان رايونى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

▲1990- يىلى 9- ئايدا، خۇڭسەن باغچىسى يىراققا نەزەر سېلىش سۇپىسىدىن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ كۆۋرۈكى ۋە تىيانشان رايونى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

▲2019- يىلى 9- ئايدا، خۇڭسەن باغچىسىدىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ كۆۋرۈكى ھەم تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

مەن 1982- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىدا ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كارخانا ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە قىزغىن قۇرۇلۇش كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدىم. 1986- يىلى شىنجاڭ بىناكارلىق لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىغا يۆتكىلىپ داۋاملىق تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، مەن ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلارنىڭ لايىھەلەش قۇرۇلۇشلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۈرۈمچىدىكى بىر قاتار قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنىڭ لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ قولىدىكى لايىھە پىلانىدىن ھەر مىللەت قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ جاپالىق قۇرۇلۇش قىلىشىدا قەد كۆتۈرۈپ، ئېگىز بىنالارغا ئايلىنىشىغىچە، مەندە تۇيۇقسىز ئۆز ئورنۇمدىكى پېشقەدەملەرنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ئىجاد قىلىپ لايىھەلىگەن قۇرۇلۇش ئەسەرلىرىنى سىستېمىلىق تولۇق خاتىرىلەپ، ماتېرىيال قىلىپ توپلاش ئويى پەيدا بولدى.

بىلىپ- بىلمەي 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، مەن يەنىلا قولۇمدىكى فوتو ئاپپارات ئارقىلىق خاتىرىلەۋاتىمەن، تىيانشان تېغى ئېتىكىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل چېگرا شەھىرىدىكى ھەربىر ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ پىلاندىن قەد كۆتۈرۈپ، ئېگىز بىنالارغا ئايلانغانلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم، تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى چېگرا شەھەرنىڭ بىر بۇرجىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەتراپىمىزدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.

40 يىلغا يېقىن چۆكۈش ئارقىلىق، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ زور تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن قۇرۇلۇش چېقىۋېتىلدى، ئويلىمىغان يەردىن پىليونكىغا خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن كۆرۈنۈش قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئايلاندى.

▲1987- يىلى 7- ئايدا، جەنۇبىي دوستلۇق يولىدا تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن سودا سارىيى.

▲2021- يىلى 10- ئايدا، لەنشيۇيۈەن يولى ئاسمىنىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق بەيشېڭ (ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن سودا سارىيى) ھەم خۇڭسەن چۆكمىسىمان مەيدان ئەتراپىدىكى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

بىر قۇرۇلۇشنى سۈرەتكە تارتىشتا، ئالدى بىلەن سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىنى ياخشى تاللاش، بولۇپمۇ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان «ئېگىزلىك»نى تېپىپ سۈرەتكە تارتىش كېرەك. مەن فوتو ئاپپاراتنى ئەمدىلا قولۇمغا ئالغان 1982- يىلىدىن 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە، ئۈرۈمچىدە سانىۋالغىلى بولىدىغان ئېگىز بىنا كۆپ ئەمەس ئىدى: 1959- يىلى سېلىنغان سەككىز قەۋەت ئېگىزلىكتىكى «سەككىز قەۋەت» ـــــ شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئېگىز بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ئىدى. 1983- يىلى، توققۇز قەۋەتلىك شىنجاڭ مېھمانخانىسى تۇنجى قېتىم «سەككىز قەۋەت»تىن ئېشىپ كەتتى. 1985- يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، 13 قەۋەتلىك شىنجاڭ خۇاچياۋ مېھمانخانىسى «سەككىز قەۋەت»نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلاندى. 1987- يىلى مەن خىزمەت قىلىدىغان شىنجاڭ بىناكارلىق لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ 17 قەۋەتلىك لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي بىناسى گۇاڭمىڭ يولىدا پۈتۈپ، ئەينى چاغدا كۆزگە بۆلەكچە چېلىقىپ تۇراتتى. 1988- يىلى ۋە 1989- يىلى يەنە كەينى- كەينىدىن 19 قەۋەتلىك شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسى ۋە 22 قەۋەتلىك شىنجاڭ ئىستىراھەت مېھمانسارىيى سېلىندى، بۇنداق ھېسابلىغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى ئون يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10 قەۋەتتىن ئارتۇق ئېگىز قەۋەتلىك بىنا ساناقلىقلا بولۇپ، 10دىن ئاشمايتتى.

▲1990- يىلى 7- ئايدا، يامالىق تېغىدىن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

▲2019- يىلى 9- ئايدا، يامالىق تېغىدىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، شەرققە ماڭسا ياشلار يولى بىلەن بەشيۇلتۇز يولى كېسىشكەن جايدىكى بىڭتۇەن دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق بىناكارلىق- قۇراشتۇرۇش باش شىركىتىگە باراتتى، يەنە ئالدىغا ماڭسا شەھەر ئەتراپى رايونىغا باراتتى، غەربكە ماڭسا خۇڭسەن تېغى ئېتىكىدىن ئانچە يىراق بولمىغان خۇڭسەن بازىرىغىچە، جەنۇبقا ماڭسا ئەرداۋچياۋ ئەتراپىدىكى يەنئەن يولىغىچە، شىمالدا تېببىي شۆيۈەنگىچە، پەن- تېخنىكا سارىيىدىن يەنە شىمالغا ماڭسا يېڭىشەھەر رايونىغا باراتتى، كۆلىمى سەل چوڭراق بىنالار ساناقلىقلا ئىدى. قىلچە مۇبالىغىلەشتۈرمەي ئېيتقاندا، مەن ۋېلىسىپىت مىنىپ يېرىم كۈندىلا پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنى تولۇق ئايلىنىپ بولاتتىم.

1986- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە، مەن ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەرداۋچياۋ، نەنمېن، چوڭ- كىچىك تۆتكوچا، بېيمېن، داشىمىن- شياۋشىمىن، شىداچياۋ، دوستلۇق يولى، تېببىي شۆيۈەنى قاتارلىق بىرقانچە شەھەر تۈگۈنىنى بويلاپ، قاراتمىلىق ھالدا بۇ تۈگۈنلەرگە جايلاشقان تەتقىقات يۇرتىمىز لايىھەلىگەن مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى سىستېمىلىق سۈرەتكە تارتتىم.

▲1986- يىلى 7- ئايدا تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق كىنوخانىسى ۋە دېموكراتىيە يولىنىڭ كوچا مەنزىرىسى.

▲2019- يىلى 9- ئايدا، جۇڭشەن يولى ئاسمىنىدىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق كىنوخانىسى ھەم دېموكراتىيە يولى، شىمالىي ئازادلىق يولى ئەتراپىدىكى كوچا مەنزىرىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

ئاشۇ مەزگىللەردە، مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر «ئېگىزلىك»تە خىزمەت قىلغانلىقىمدىن خۇشال بولاتتىم. تەتقىقات يۇرتىمىزنىڭ 17- قەۋەت ئۆگزىسىگە چىققاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى.

ھاۋا ياخشى بولغاندا، مەن ئۆزۈم يالغۇز فوتو ئاپپاراتىمنى ئېلىپ «يېقىن ئەتراپتىكى بىنا»لارغا چىقىپ، «ئېگىزلىك» ئەتراپىدا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۈزبەرگەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىمەن ھەم خاتىرىلەيمەن.

مەنبە: شىنجاڭ ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.