تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسىدىكى مىڭ مو بادامدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى

9- ئاي كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ خاڭدى يېزىسىدا ئۆستۈرۈلگەن 1500 مو يەردىكى بادام يىغىش پەسلىگە كىردى، بۇ يىل بادامنىڭ ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئاشتى، كىچىككىنە بادام ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى.

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، خاڭدى يېزىسى باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتىدىكى بادام ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، بۈك- باراقسان ئۆسكەن بادام دەرەخلىرى ئېتىزلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، توق پىشقان مېۋىلەر ياپيېشىل بادام دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ئېگىۋەتكەنىدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۇزۇن بادرا بىلەن شاختىكى باداملارنى قېقىپ، ئارقىدىن يەرگە چۈشكەن باداملارنى تېرىپ، قاچىلاپ توشۇدى.

باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى نۇرمەمەت تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن سەككىز مو يەردە قەغەز بادام ئۆستۈرگەنىدىم، بۇ يىل قەغەز بادامنىڭ مېۋىلەش نىسبىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئومۇمىي ھوسۇلىنى 2000 كىلوگىرام ئەتراپىدا مۆلچەرلىدىم، ھازىر ھەر كىلوگىرام قەغەز بادامنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 35 يۈەندىن 40 يۈەنگىچە، بۇ يىل پەقەت قەغەز بادامدىنلا قىلغان كىرىمىم 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.»

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خاڭدى يېزىسى بادامنى ئاساس قىلغان خاس باغ- ئورمانچىلىقنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنت ئورمانچىلىق تېخنىكلىرى قوشۇنىنى قۇرغان، باغ- ئورمانچىلىقنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىپ چاڭلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، مېۋە بېرىش نىسبىتى ۋە غورىلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى مۇقىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن.

باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋېن جىڭچېڭ مۇنداق دېدى: «خاڭدى يېزىمىزنىڭ بادام ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 1500 مو ئەتراپىدا، بىز ھەر يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى تېخنىكلارنى يېزىغا كېلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى نەق مەيداندا تەربىيەلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ئارقىلىق تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى كۈزلۈك ئوغۇتلاش، ئەتىيازلىق ئوغۇتلاش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈش، چاتاش قاتارلىق ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. تېخنىكىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ھەقىقىي پايدا ۋە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، بادام ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشتى.»

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۆجياۋ، ئۈمىد)

پايدىلانغان مەنبە: قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.