ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 9- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇقىيات نۇرمۇقاممەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.
مۇقىيات نۇرمۇقاممەت مۇنداق بىلدۈردى: ئومىكېرۇننىڭ 5.2.BA ئۆزگەرگەن تۈپى ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى بىر قىسىم كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئاشكارىلاندى.
مەسىلەن، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا رايونلارنى تەڭشەش ۋاقتىدا بولماسلىق، خەۋپ- خەتەر رايونى ئىچىدە ئايرىغان دائىرە بەك چوڭ بولۇش؛ خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالغۇچى خادىملار، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغۇچى خادىملار ۋە مەھەللە پىدائىيلىرىنى مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش دەل جايىدا بولماسلىق؛ ئالدىنقى مەزگىلدە بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلارنى باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالغاندا، ئاھالىلەر نەرسە ئالغاندا يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ، ۋاقتىدا بايقىماسلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايوندا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇمنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بايقالغان بۇ مەسىلىلەرنى بىز دەرھال تۈزىتىپ، يوچۇقلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېتىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن ئولتۇراق رايونلارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرىمىز، ماددىي ئەشيا كاپالىتى بېرىش ۋە ئاممىنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلىرىمىزدىمۇ نۇرغۇن مەسىلە مەۋجۇت، ئاممىنىڭ ئۈمىدى ۋە تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىمىز كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
«بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايمىز، بىز ئەل رايى، دەۋا تەلىپىنى ئىگىلەش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.» دېدى مۇقىيات نۇرمۇقاممەت.