ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇدىر ۋىراچ ليۇ لەيشىن نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ يەنە قايسى جەھەتتە شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكىنى تونۇشتۇردى.
ماسكىنى ئىلمىي تاقاش: لىفىتكە چىققاندا، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، كىشىلەر زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە، سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا، داۋالانغاندا چوقۇم ماسكا تاقاش كېرەك؛ ماسكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ھەربىر ماسكىنى تاقىغان ئومۇمىي ۋاقىت سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.