تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 2 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى تۇرپانغا يەتكۈزۈلدى

 

 تۇرپان گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (يېزىق\ سۈرەت مۇخبىرى دۇ خۇ، شيې دۇڭفېي): 8- ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچقان خۇنەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ A67186 نۆۋەتچى ئايروپىلانى تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى. بۇنىڭ بىلەن، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياردەم قىلغان 2 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۇيۇمى تۇرپانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك توشۇپ كېلىنىپ، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەردى.

图片

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى جەمئىي 316 بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 625 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېسۈەن تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش كىيىمى قاتارلىقلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۇرپانغا يەتكۈزۈلگەن.

图片

  ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قارىتا، خۇنەن ئۆلكىسىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئارقا سەپتىكى ئالاقىدار كارخانا ۋە ئورۇنلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئامال بىلەن يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاپ، ئىدىقۇت رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىدىن 50 مىڭ يۈرۈش، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىدىن 137 مىڭدىن ئارتۇق، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن 640 مىڭ دانە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىدىن 7350 دانە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر پەلىيى ۋە رېزىنكە پەلەيدىن 30 مىڭ دانە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش كۆز توسقۇچىدىن 1296 دانە، ئالدىنى ئېلىش جۇڭيى دورىلىرىدىن 315، ھەمدە تۇرمۇش ماددىي ئەشياسىدىن بىر تۈركۈم توپلانغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

图片

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خۇنەندىكى ھەرقايسى ساھەلەرمۇ بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ھەر جەھەتتىن ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. 8- ئاينىڭ 15-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى 26 كىشىلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ تۇرپانغا كېلىپ، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شياڭتەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى مېھىر- شەپقەت كارخانىلىرى، ئورۇنلار، شەخسلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە 700 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى توپلاپ، ئىدىقۇت رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ياردەم بەردى.

 تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشتىن- ئاخىر پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرپاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئىدىقۇت رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، ئىدىقۇت رايونىغا ياردەم بەردى. بىز چوقۇم بۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

图片

  تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ليۇ جۇڭجيې مۇنداق دېدى: يۇقۇم رەھىمسىز، كىشىلەردە مېھىر - مۇھەببەت بار. خۇنەن- تۇرپان قەلىبداش، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يەنە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خۇنەن كۈچىنى چىقىرىدۇ.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن جىن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.