تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئالتە تۈرلۈك مۇداپىئە مەزمۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك

  

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەنۋەر ئىبراھىم شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسىنى قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى تونۇشتۇردى.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە قايتىش خىزمىتىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىدارىسى شىنجاڭ خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى كونترول قىلىش، مۇداپىئەنى قېلىپلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، «شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتمىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك مۇداپىئە كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

  بىرىنچىدىن، ماسكا تاقاش، بېكەت (مەيدان)دىن تەرتىپلىك ئايرىلىش، قىستىلىش، توپلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇدۇل مەكتەپكە بېرىش، يېرىم يولدا چۈشمەسلىك ياكى توختىماسلىق كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، مەكتەپكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ماسكىنى ئالماشتۇرۇش ۋە قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، كىيگەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە يۇيۇش، يۈك-تاقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە تىنچ قويۇپ قويۇش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشى قىلىپ، شەخسىي ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، مەكتەپكە بېرىپ 10 كۈن ئىچىدە زۆرۈر بولمىغان توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، توپلىشىش خاراكتېرلىك ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر بارماسلىق كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، پويىز (ئايروپىلان)غا چىققاندىن كېيىن، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ياكى ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەر دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە قاتناش قوراللىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار، بىللە ماڭغانلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىش كېرەك.

  بىز يەنە شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەنزىل ۋە مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مەنزىل ۋە مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتۇرۇش پىلانىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئىلمىي ئۆگىنىپ، شەخسىي مۇداپىئە ئېڭى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.