تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 900دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ئىلىغا ياردەم بېرىپ، ئىلى خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى

 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ليۇ چىڭخۇا ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئىلى ئوبلاستىدا يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 900دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، تېزدىن يىغىلىپ، ئىلىغا ياردەم بېرىپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپتە ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

  بىر تەرەپتىن ئالدىنقى سەپ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كېسەللىك رايونى ۋە فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى بۆلەكلەشتۈرۈپ تولۇق تەشكىلىي تۈزۈلۈش بويىچە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. كۆپ تەرەپنىڭ داۋالاش بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش- قۇتقۇزۇش باش دوختۇرخانىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئاپپاراتلىرى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، داۋالاش بىخەتەرلىكى ۋە ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئايرىم –ئايرىم مەسئۇل بولدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدى. بۇ قېتىم ئىلىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نەپەس يولى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، يۈرەك قان تومۇر، يۇقىرى قان بېسىم، ھەزىم قىلىش يولى، بۆرەك كېسىلى، تېرە، قان، ئېغىر كېسەللەر، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە، پەرۋىش قاتارلىق كەسىپلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مول ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە، نۇرغۇن تېببىي خادىم ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقان، كېلىشتىن بۇرۇن يەنە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇر ـ سېسترالار قوشۇنىدىكى بىر قىسىم خادىملار 2020 ـ يىلى ۋۇخەن، ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ، تايانچ كۈچلەر ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا داۋالاش، قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەۋرىشكە ئېلىش، خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، ئىش تەقسىم قىلىپ ھەمكارلىشىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇپ- داۋالاپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

  « ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى پىشقان داۋالاش تېخنىكىسى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن ھاياتنى قوغداپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىلى خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، < بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش> تەك قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. بىز ئىلىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇشۇنداق كەسپىي، قەيسەر، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئاكتىپ كۈچكە تولغان قوشۇن ئىلى خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىكەن، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دېدى ليۇ چىڭخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.