تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

10 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدۇق، جاسارەت بىلەن يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىمىز

− «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى · شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئىشقا ئاشماقتا؛ ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى · شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» ئاستا - ئاستا ئېچىلدى. بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى، قۇرۇلۇشنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما چەكسىز روھلاندى ۋە پەخىرلەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاقلىق سۆزلەندى، ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئاساسىي رەڭ جۇلالاندى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق شىنجاڭنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

«ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە بولغان ئەڭ چوڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش» دېدى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لىيۈەن ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى جاڭ تيەنلېي. بۇ ساقچىخانا ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئاۋات سودا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كەسپىي مەيدان - سورۇنلار ۋە ئىدارىلەر كۆپ. بۇ ساقچىخانا مەۋقەنى «ساھە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، تىنچ - ئامانلىقنى ئورتاق يارىتىش»تىن ئىبارەت ساھەلەرنى باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، 2019 - يىلى ساھەلەرنى سەييارە تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇردى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 200دىن ئارتۇق جايدىكى تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىدى ھەم تۈزىتىشكە نازارەتچىلىك قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. زىددىيەت - ماجىرادىن 224نى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلدى. «يېڭى دەۋردىكى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى جاڭ تيەنلېي.

ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچىسىدىكى چياشيۇ مەھەللىسىدە 12 مىللەتتىن بولغان ئاھالە ياشايدۇ. كۆپ يىلدىن بۇيان، بۇ جايدىكى قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىناق بولۇپ كەلدى. «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىلگەندەك، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى.» مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يى مۇنداق دېدى: بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

تەرەققىياتنى كۆزلەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سۈپىتى يېتەرلىك بولدى

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى...

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئۇچۇرلار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭنى ناھايىتى روھلاندۇردى، ئۇ مۇنداق قارىدى: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. «ھازىر، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق دۇنيانى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى جۇ خېشياڭ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلانغان خەلق تۇرمۇشى ھېسابات تالونى كىشىنى قايىل قىلىدۇ: يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى؛ شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى؛ داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى؛ يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى...

ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت بولغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى ئۈژمىلىك ئاقا كەنتىدىن بۈگۈنكى كۈندە «شېرىن» پۇراق تارقىلىپ تۇرىدۇ. 8 - ئاي دەل كەنتتە ئۈزۈم پىشىدىغان مەزگىل بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئىلگىرىكى 6000 يۈەن ئەتراپىدىن كۆپىيىپ ھازىرقى 12 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى، ئۈزۈم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان كەسىپكە ئايلاندى. ئوبۇلھەسەن ئابدۇقادىر كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، كەنتتىكى ئۈزۈملەرنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە سېتىشقا مەسئۇل ئىكەن، «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۈزۈم كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچىمىز».

قوشۇن چىڭ تۇتۇلدى، ئاساس پۇختىلاندى، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تىلغا ئېلىندى: كۆپ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى سىجىل كۈچلۈك قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، يۇقىرى قاتلاملىق جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلاردىن جەمئىي 38 مىڭنى كىرگۈزدى، يېقىنقى مەزگىلدە، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلدى.

«بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشتۇر.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ شياۋلىن مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، تەرەققىيات ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.

ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايوۋ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ گوچياڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىگە زىچ يېقىنلىشىپ، خەلقنىڭ رازى بولغان - بولمىغانلىقىنى، خۇشال بولغان - بولمىغانلىقىنى، قوشۇلىدىغان - قوشۇلمايدىغانلىقىنى، قوللايدىغان - قوللىمايدىغانلىقىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، خېي خۇڭۋېي، پەرىزات ئابدۇل، لياڭ لىخۇا، جاڭ جىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.