تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يەنە يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

− «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

10 يىلدا بوران ـ چاپقۇن ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، 10 يىلدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا تەپسىلىي ۋە ئېنىق ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەربىر تەدبىر ۋە جانلىق مىساللار ئارقىلىق، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق يېزىپ چىققان شىنجاڭ جاۋاب قەغىزى نامايان قىلىندى.

رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ـ تارقىتىشنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

شىنجاڭنىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالقىش ياڭرىتىمىز

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇندى؛ شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 2012 ـ يىلىدىكى %87.58تىن 2021 ـ يىلى %99.14كە ئۆستى... 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېنەن جېڭجوۋدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلغان ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋاتقان جاڭ شياۋلۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، ئىنتايىن قالتىس ئىش!»

جاڭ شياۋلۇڭ خېنەندىكى بىر ئېلېكتىرون كارخانىسىدا ئىشلەيدۇ، ئىلگىرى شىنجاڭدا بىر يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ مۇنبەت تۇپراققا نىسبەتەن ئۆزگىچە مۇھەببىتى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىناق، خاتىرجەم ئىكەن، گۈللەپ ياشناۋېتىپتۇ، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم.

2021 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012 ـ يىلىدىكى 740 مىليارد يۈەندىن بىر قاتلاندى؛ پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئومۇمىي سانى 24كە يېتىپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى... ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلدى. «بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، مەيلى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بولسۇن ياكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بولسۇن، نەتىجىلەر ناھايىتى يارقىن بولدى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى دېڭ خۇڭ چىن قەلبىدىن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن شىنجاڭنىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىمەن!»

شېن فېي جياڭسۇدىن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭغا ئىگىلىك تىكلەشكە كېلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇلازىمەت تۈرىدىكى بىر شىركەت ئاچتى، ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى شىنجاڭنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

شېن فېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تەرەققىياتقا تەشنا بولۇشتەك كۈچلۈك سىگنالنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى، مەسىلەن، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى شىنجاڭغا كېلىپ «تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش»كە تەكلىپ قىلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، قولايلىق يارىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىلارغا زور ئىشەنچ بەخش ئەتتى. «تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا، ھاياتىي كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

بىزنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇمىز ئەمەلىي بولدى

بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى پۈتۈپ چىقىلدى.

«شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتىلغاندەك، يىلدىن ـ يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتەمخان مەمەتئېلىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

2019 ـ يىلى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، پاتەمخان ئائىلىسىدىكىلەر قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، كىچىك تاللا بازىرى ئاچتى، ئېرى يەنە كەنتتىكى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى، ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى. «بىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز» دېدى ئۇ.

شىنجاڭدا شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى... بۇرچىن ناھىيەسى دولايتى يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى تېبابەتخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئەكىنشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما جىۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت ئاھالىلىرى چوڭ شەھەرلەرگە بارمىسىمۇ ياخشى داۋالاش شارائىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بالىلار ئىشىك ئالدىدىلا ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى، مانا بۇ ھەقىقىي بەخت».

«بىز ھەر يىلى يەرلىك ئاممىۋى مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلەتتۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۇلۇن نۇرخالى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن 81نى بەرپا قىلدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى.

«ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ ۋېيشېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

داۋاملىق كۈرەش قىلىپ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز

«خۇددى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتىلغىنىدەك، شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.» شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: 10 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى، ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇمىي سانى 2012 ـ يىلىدىكىدىن 27 مىڭ 258ى كۆپىيىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 2012 ـ يىلىدىكىدىن 480 مىڭ 300 كىشى كۆپىيىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. «شايار ناھىيەسىدىكى 600دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ھەرقايسى <نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى>غىچە ئۇزارتىلدى.» پەن ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىمىز.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ھەم پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭ ئاللىبۇرۇن نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: تاموژنا قاتناش ۋە ئوبوروتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، رەقەملەشكەن پورت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز قاتنىشىغا كۈچ قوشۇپ، نۇقتىلىق تۈگۈنلەرنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنى چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشتىكى ئېگىزلىك قىلىپ بەرپا قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتىدىكى كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى مۇنداق بىلدۈردى: داھىينىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئاساسىي قوشۇنى ۋە دۆلەت ئەترىتى قۇرۇشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىشتىكى دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، ليۇ شياڭ، لياڭ لىخۇا، مېھرىگۈل غوپۇر، چېن چياڭۋېي، گو لىڭ، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.