تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بېسىپ ئۆتكەن يىللاردا شان ـ شەرەپ قۇچتۇق، تارىخ بېتىگە ئاجايىپ كاتتا سەھىپىلەر پۈتتۇق. 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىستېرېئولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتىكى قەتئىي ئىشەنچى، ئىرادىسى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك ئېلان قىلىندى.

ۋاقىت ئەڭ سادىق خاتىرىلىگۈچى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ 10 يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنغان 10 يىل، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان 10 يىل بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى. بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ بىز شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىغا، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتۇق؛ بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق؛ بىز خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق؛ بىز شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخمۇ يىلتىزىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ 10 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر تۈرلۈك نەتىجە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىر قەدەم ھالقىش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، چىن يۈرىكىدىن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

مېھىر ـ مۇھەببەت خۇددى دېڭىزدەك چوڭقۇر، ئۈمىد خۇددى تاغدەك زور. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، 2 ـ قېتىملىق، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى، 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋالدىمۇ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. بىز پەقەت تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم يارىتالايمىز.

بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يادرو كەلگۈسىگە يول باشلايدۇ. بۇ يىل 7 ـ ئايدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئۇزۇن مۇساپىدە غەيرەت ـ شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ ـ ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.