تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«1 - ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قار تېيىلىش ھۆددە ئايروپىلانى ئالقىشقا ئېرىشتى

كۆكتوقاي

«1 - ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قار تېيىلىش ھۆددە ئايروپىلانى ئالقىشقا ئېرىشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: دەم ئالغىنىغا تېخى تۆت ئاي بولمايلا، چېن جيەنئەن شىنجاڭدا قار تېيىلىش ئىشىنى چۆرىدەپ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى − ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە «دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قار يۇرتىغا ھۆددە ئايروپىلان سېلىنىدۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋدىن كۆكتوقايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بېرىش - كېلىشنىڭ ئايروپىلانى بار» دەپ تەكلىپ يوللىغاندا، «ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى، ئۈچ كۈن ئىچىدە 40 نەچچە كىشى ئالدىن زاكاز قىلدى».

  چېن جيەنئەن گۇاڭدۇڭ قار تېيىلىش بىرلەشمىسى تەنتەربىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى چەمبىرىكىدە خېلىلا نامى بار، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ھەۋەسكار. 2020 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى قىش پەسلىدە ئۇ كەسىپنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئاساسلىقى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى توشۇش كەسپىنى قىلدى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى» ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى. 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئۇ «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى»دىن توققۇزنى ھۆددىگە ئېلىپ كۆكتوقاي، قۇم قاتارلىق جايلارغا بېرىپ قار تېيىلىشقا تەشكىللىدى.

  «بۇ يىل ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلغىلى بارىدىغان ساياھەتچىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر تىزىملاتتى.» چېن جيەنئەن مۇنداق دېدى: ھازىر «1 - ئۆكتەبىر»دە تىجارەت باشلاش تەدرىجىي كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، بازارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ چېن جيەنئەننىڭ كەسپىنى تېخىمۇ ئازادە قانات يايدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

  ئەمەلىيەتتە، چېن جيەنئەننى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغىنى، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغانلىقى بولدى. بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا، ئۇ «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى»نى تەشكىللىگەندىمۇ يۇقۇمغا دۇچ كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەچكە، ئايروپىلان ھۆددە ئېلىپ قار تېيىلىشقا تەشكىللەش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. «مەن <1 - ئۆكتەبىر> مەزگىلىدە ئايروپىلان ھۆددە ئېلىپ قار تېيىلىشقا تەشكىللەشتە مەسىلە يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ئۇ.

  «ھازىر ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، <1 - ئۆكتەبىر> مەزگىلىدە كۆكتوقايغا كېلىپ قار تېيىلىدىغانلار ئۈچۈن ئالتە نۆۋەتچى ئايروپىلان زاكاز قىلىنغان» دېدى ئالتاي ئاۋىياتسىيە كەسپى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرەققىيات تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جوۋ ئېنجيەن. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، قار تېيىلىدىغانلار ئۈچۈن ھۆددە ئېلىنغان بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ سىرتىدىكى قار تېيىلىش كۇلۇبلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەن بولۇپ، «بۇ <قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى> ئەندىزىسىنىڭ بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى»نى قار - مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى يېڭى نام كارتىسى قىلىپ ياراتقان، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان. 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى»دىن جەمئىي 15 قېتىم قاتناپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىدىن 1878 ئادەمنى توشۇپ، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋە قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شۆبە شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي ئاۋىياتسىيە كەسپى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەخسۇس «قار يۇرتى ھۆددە ئايروپىلانى» كەسپىگە مەسئۇل بولدى. «بۇ يىل، بىز تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن كېلىپ، رازىمەنلىك بىلەن قايتىدىغان قىلىمىز» دېدى جوۋ ئېنجيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.