ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن رىياسەتچىلىك قىلدى.