تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ تەييارلاپ، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىشنى كاپالەتلەندۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بانكىنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلغان، ھازىرغىچە، 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى تەييارلانغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 800 مىليون يۈەن ئاشقان.

ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق بۇ بانكا بۇ يىل 30 يۇقىرى ئىناۋەتلىك مۇئامىلىدارغا مەدەت بېرىشنى پىلانلىغان، ئۇلار ئاساسلىقى ئىلى، سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، سېتىۋېلىشتا «بوش قالغان ئورۇن» قالدۇرماسلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان.

«پۇل ئاشلىقنى كۈتۈپ تۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بانكا كۈزلۈك ئاشلىق بازارغا سېلىنىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى يېڭى يىللىق كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاشلىققا مەسئۇل تارماقلار ۋە سېتىۋالىدىغان كارخانىلارنى پائال زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلى، سۈپىتى، بازار ئەھۋالى ۋە كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىش، تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارىتا، بۇ بانكا كۈزلۈك يىغىمغا دائىر تۈرلۈك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. قەرز پۇل بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، قەرز پۇل بېجىرىش تەرتىپىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بانكا كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش، مەركەزلىك ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك بانكىلار چوڭقۇر تۈرتكە بولىدىغان، ئاپتونوم رايوندىكى شۆبە بانكىلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى توغرا يۆنىلىشتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە توردا مۇلازىمەت قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. «بىز ۋىيشىن خىزمەت توپى ۋە تېلېفون ئارقىلىق، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش سۈرئىتىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، <بىر كارخانىغا بىر تەدبىر> مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزدۇق، ھەم ماتېرىيال كەم بولسىمۇ قەرز پۇل بىجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن مۇۋاپىق تەمىنلەپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەگىشىپ ئىلگىرىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىڭتۇەن كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن شيا.

ئېتىبار بېرىش سىياسىتى جەھەتتە، بۇ بانكا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى تۇتقا قىلىپ، ئوخشاش بىر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇشۇ بانكىنىڭ مۇئامىلىدارلىرىغا قارىتا كېپىل بولۇش ۋە توختام زاكالەت پۇلى نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىپ، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشىگە مەدەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ بانكا يەنە چىقىمنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «سۇخۇيتۇڭ» قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىم قىلىش يۇمشاق دېتالىنى پىششىق ئىگىلىشىگە «بىرگە بىر» يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئاشلىق يىغىش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.