8 ـ ئاي ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس قوغۇنى بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ ناھىيەنىڭ ئويماق بازىرى توقىمتى كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار قوغۇن يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھىرلەندى.
توقىمتى كەنتىدىكى قوغۇن ئۈزۈش باغچىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇرچىن-قاناس ساياھەت تاشيولىنىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان جايى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن سورتىنى كىرگۈزۈپ، تېرىش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ تەڭ جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى