تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى-ئوتتۇراھال رايونلاردا يېپىق تىزگىنلەپ باشقۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ۋە باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى \ ئانار بۇلۇت مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى خوۋ يۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق ئېلان قىلدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق شىتابى 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ دەرىجىگە ئايرىپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يولغا قويۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى-ئوتتۇراھال رايونلارغا قارىتا يېپىق تىزگىنلەپ باشقۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىكى ئاھالىلەرگە قارىتا يەنىلا «ئۆيدىن چىقماسلىق، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ يۆتكىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ: خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال رايونلاردىكى ئاھالىلەر «ئولتۇراق رايوندىن چىقماسلىقى، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي نەرسە ئېلىشى» كېرەك. مەھەللە ئاھالىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق كاپالەت خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تاكى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايون قىلىپ تۆۋەنلىتىلگىچە ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.

  ئالاقىدار ئۇلانما: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال، تۆۋەن رايونلار تىزىملىكى (8- ئاينىڭ 22- كۈنى) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.