تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.49 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 4304 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 152 تۈر كۆپەيگەن؛ رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 462 مىليارد 889 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.49 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا ۋە سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى دىققەتنى چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ تۈرلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 279 مىليارد 794 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %60.45ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.46 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 183 مىليارد 95 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ %39.55ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.03 ئاشقان.

رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 92 مىليارد 746 مىليون يۈەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 78 مىليارد 585 مىليون يۈەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 70 مىليارد 148 مىليون يۈەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 59 مىليارد 316 مىليون يۈەن.

رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %50تىن ئاشقان جايلاردىن ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بار. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بىردەك %10تىن يۇقىرى بولۇپ، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى جەمئىي %70تىن ئاشقان.

ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى ۋە مۇھىت كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھەرقايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، نېمە كەم بولسا شۇنى كىرگۈزۈش، نېمە ئاجىز بولسا شۇنى كۈچەيتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنى يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنى كۈچەپ كىرگۈزۈپ، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش بويىچە دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.