تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئائىلىسىدە ياشانغانلار بار دوستلار دىققەت، پەرۋىش دەم ئېلىشى كەلدى

يېڭىدىن تۈزۈلگەن، 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەندى: ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا ياكى تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىسا، پەرزەنتلىرىنىڭ پەرۋىش دەم ئېلىشى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، پەرزەنتلىرى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارغا پەرۋىش دەم ئېلىشى رۇخسىتى بېرىشى كېرەك. يالغۇز پەرزەنتنىڭ پەرۋىش دەم ئېلىشى ھەر يىلى جەمئىي 20 كۈندىن كەم بولمايدۇ. يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەرنىڭ پەرۋىش دەم ئېلىشى ھەر بىر پەرزەنتنىڭ ھەر يىلى جەمئىي 10 كۈندىن كەم بولمايدۇ.

پەرزەنتلەر ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ يىللىق دەم ئېلىش، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى قاتارلىقلارنى پەرۋىش دەم ئېلىشىغا يېيىشتۈرۈۋېتىشىگە، پەرۋىش دەم ئېلىشى مەزگىلىدىكى ئاساسىي مائاش تەمىناتىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.