تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇلۇڭگۇر كۆلى: بۇ يەردىكى قۇشلارنىڭمۇ «كىملىك»ى بار بولدى!


    يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇڭگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا تۇنجى قېتىم پەسىل قۇشلىرىنىڭ ھالقىسىمان بەلگىسىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىلمىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن يەر شارى بويىچە پەسىل قۇشلىرىنىڭ سەككىز چوڭكۆچۈش لىنىيەسى ئىچىدە، ئۇلۇڭگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى دۇنيادىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ 3-نومۇرلۇق كۆچۈش لىنىيەسى بولۇپ، دۇنيادىكى جانلىقلار زەنجىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە پەسىل قۇشلىرى تىيانشان تېغى ۋە ئالتاغ تېغىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان «ئېنېرگىيە تولۇقلاش پونكىتى» ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان قۇش تۈرلىرىنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، 271 خىلغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى 17 خىل، دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى توققۇز خىل، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى 45 خىل.
    ھالقىسىمان بەلگە يەنە قۇشلارنىڭ ھالقىسىمان بەلگىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، ياۋايى قۇشلارنى تۇتقاندىن كېيىن قۇشلارغا سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان، بىردىنبىر كودلاشتۇرۇلغان پۇت ھالقىسى، بويۇن ھالقىسى، قانات ھالقىسى، قانات بايرىقى قاتارلىق بەلگەماددىنى سالغاندىن كېيىن، قۇشلارنى يەنە دالىغا قويۇپ بېرىپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈش لىنىيەسى، كۆپىيىشى، تۈرگە ئايرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ تەتقىق قىلىشتا قوللىنىلىدىغان تەتقىقات ئۇسۇلىدۇر. بەلگىسىمان ھالقا ئارقىلىق قۇشلارنىڭ كۆچۈشى، تارقىلىشى، پەسىللىك ھەرىكىتى، ئۇۋىغا قايتىش ئىقتىدارى، ئۆلۈش نسىبىتى، ھايات قېلىش نىسبىتى، ئۆمرى، تۈر توپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تۈر توپىنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگىلى ۋە تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ قۇشلارنىڭ كۆچۈشىگە ئائىت ماتېرىياللارغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، بۇ خىل ئىلمىي ۋاستىنىڭ قوللىنىلىشى قۇشلارنى قوغداشنى تېخىمۇ ئىلمىي بولغان بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھالقىسىمان بەلگىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش خىزمىتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ھازىرغا قەدەر 600دىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار ئىكەن.


مەنبە:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.