تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنىلا ئويلايمىز»

□ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاپامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا كۆپ رەھمەت.» 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى خۇيلىيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىلەر توپىدا جېڭ گۇيفاڭ موماينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئۇچۇرنى يوللىدى، بۇنىڭدىن ئاھالىلەر ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

84 ياشلىق جېڭ گۇيفاڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئوكسىگېن سۈمۈرۈۋاتقانىدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئوكسىگېن تۈگەي دەپ قالغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر تەرەپ - تەرەپتىن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، نۇرغۇن شىركەت: ئوكسىگېن تۇڭى بەك چوڭ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تەس دەپ بىلدۈردى. جىددىيچىلىكتە، ئۇلار ئىتتىپاق مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈي ۋېيجيېگە ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى يوللىدى. سۈي ۋېيجيې مەھەللىنىڭ ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرى مېھرىگۈل ئىبراھىمنى باشلاپ بىرىنچى ۋاقىتتا موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قۇرۇق ئوكسىگېن تۇڭىنى يۈدۈپ بىنادىن چۈشۈپ، تېزلىكتە 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوكسىگېن پونكىتىغا بېرىپ، لىق ئوكسىگېن قاچىلىغاندىن كېيىن، دەرھال موماينىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پائال تۈردە ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، ئاھالىلەرمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش يۈرگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزدى. ئۆزئارا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر نامايان بولدى.

ئېۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى خۇايۈەن مەھەللىسىدە، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ چىڭيۈەن مەھەللە كادىرلىرىنى يېتەكلەپ بىنالار ئارىسىدا توختىماي يۈرۈپ، ئاھالىلەرگە كۆكتات، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، سۇ، توك، گاز كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاپ بەردى، ئەخلەتلەرنى تازىلىدى، يەنە دائىرە بۆلۈپ ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، ئاغرىق ياشانغانلارنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسى كۆپچىلىكنى تەسىرلەندۈردى، نۇرغۇن ئاھالە پىدائىي بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ جاپاسىنى يېنىكلىتىشنى ئويلايمىز» دېدى بۇ مەھەللىدىكى پىدائىي جىن يۆمېي.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى يىخېيۈەن مەھەللىسىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئورۇن كودىنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەمكارلاشتى ھەم تەشۋىقات - تەربىيە ۋە ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. ئامما پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېسىدە ساقلاپ، بەس - بەستە ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئوخشىمىغان شەكىلدە مەدەت بەردى ۋە قاتناشتى، بەزىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىشقا قاتناشتى، بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ماددىي ئەشيالارنى توشۇشىغا ياردەملەشتى، بەزىلىرى پىدائىي بولۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردىلا، يىخېيۈەن مەھەللىسىنىڭ 70 ياشلىق ئاھالىسى پاتەمخان تاھىر مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆپ جاپا تارتىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىمىزنىڭ تەمىناتىمۇ ئىنتايىن يېتەرلىك بولۇۋاتىدۇ، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».

ئوخشاشلا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولۇۋاتقانلاردىن يەنە خاڭجوۋلۇق ساياھەتچى چېن جيەنشېڭمۇ بار. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چېن جيەنشېڭ دوستلىرى بىلەن ئۆي ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ خاڭجوۋدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭغا ساياھەت قىلغىلى كېلىپ، بىرىنچى بېكەتتە ئۇدۇل قومۇلغا باردى. 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۇلار ئاراتۆرۈك ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئۇلارنىڭ ساياھەت پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. چېن جيەنشېڭ قاتارلىقلار ئۆي ئاپتوموبىلنى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى بازىرى ئەتراپىدا توختىتىپ ئارام ئالدى. خىراجەتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يەپ ئىچىشى، يېتىپ قوپۇشىنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىلدا بولدى.

ئۆي ئاپتوموبىلنىڭ توكى ناھايىتى تېزلا تۈگەپ، چېن جيەنشېڭ قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى يەن جۈنجيې چارلاۋېتىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلدى. يەن جۈنجيې دەرھال شۇ جايدىكى توك تەمىنلەش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆي ئاپتوموبىلدىكىلەرگە ياردەملىشىپ، زەرەتلەيدىغان توك مەنبەسى تېپىپ بەردى.

«خەلق ساقچىلىرىغا رەھمەت، بىزگە ياردەملىشىپ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى چېن جيەنشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لى دېجىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە، بىر بولاق مېھىر - شەپقەت سوۋغىسى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭغا بولكا، زاسەي، قېزا، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە مىنېرال سۇ قاچىلانغانىدى.

بۇ مېھىر - شەپقەت سوۋغىسىنى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپى بىرتۇتاش زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىرىدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر ۋە شوپۇرلار، يولۇچىلارغا يول بويى يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۈيىنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلەتتى. «مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا باركۆل بەك ئەتراپلىق ئويلىشىپتۇ» دېدى لې دېجىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.