تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇرخانىدا يېتىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ھامىلىدار ئايال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن

«ھامىلىدار بولغىنىمغا تۆت ئايدىن ئاشتى، ھامىلىنىڭ يېتىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشۇم كېرەك، مەھەللە ۋە دوختۇرخانىنى ماسلاشتۇرۇپ مېنىڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ خانىم «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە سۆز قالدۇرۇپ، ياردەم سورىدى.

قالدۇرۇلغان سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇخبىر تېزدىن جاۋ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەسلىدە 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتمەكچى بولغان جاۋ خانىمنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بارالمىغانلىقىنى بىلدى، لېكىن ئوپېراتسىيە ۋاقتىنىڭ كېچىكىشىگە ئەگىشىپ، جاۋ خانىم بارغانسېرى تەشۋىشلىنىپ، ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا، باشقا يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قورققانىدى.

جاۋ خانىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسقا ئاساسەن، مۇخبىر ئالدى بىلەن جاۋ خانىم تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىنچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى چۇەنجوۋ كوچىسى مەھەللىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شيا مۇنداق بىلدۈردى: مەھەللىدە يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بىرلا ئاپتوموبىل بار، ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئىزچىل توختىماي مېڭىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئەگەر دوختۇرخانا تەرەپ ھامىلىدار ئايالنى قوبۇل قىلسا، تېزدىن ئاپتوموبىلنى ماسلاشتۇرۇپ، ھامىلىدار ئايالنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويىمىز.

مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ دوختۇرخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىنىڭ نۆۋەتتە نورمال كېسەل كۆرۈۋاتقانلىقىنى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلاردىكى كېسەل كۆرسىتىدىغانلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى، ئۈچ دەرىجە بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئالدىن تەكشۈرۈپ، ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ، باھالىغاندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرخانىغا كىرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بۇ دوختۇرخانا ئاغرىقلارنى 24 سائەت داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋېتىپتۇ، ئاھالىلەر دوختۇرخانا ئېلان قىلغان ئانا - بالىلار ساغلاملىق قىزىق لىنىيەسى 96595كە تېلېفون قىلىپ داۋالىنىش ئېھتىياجى بويىچە مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ دوختۇرخانا كەڭ ئاياللار - بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەر يولى ۋە يېشىل يولنى تەسىس قىلغان.

ئارقىدىن مۇخبىر جاۋ خانىم بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاقىلەشتى، جاۋ خانىم مۇخبىرغا مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ھەم ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقىنى ئېيتتى. جاۋ خانىم تېلېفوندا يەنە مۇخبىرغا قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتتى.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ خانىم مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يوۋئەي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا رايونىغا ئوڭۇشلۇق باردى، نەق مەيداندىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى دىياگنوز قويۇشىچە، جاۋ خانىمنىڭ ھاياتلىق كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىم بولۇپ، قورسىقى ئاغرىش، قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە تۇغۇت ياردىمى ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 13 دوختۇرخانا جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئادەتتىكى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى تۇغۇت تەكشۈرتۈشى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇغۇشقا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.