تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرىدە جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى تۇنجى نۆۋەتتە 1 - لىككە ئېرىشتى

«خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى − 2022»نىڭ جۇڭگو كورلا مۇسابىقە رايونىدىكى مۇقەددىمە جېڭى باشلاندى

​«سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرىدە جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى تۇنجى نۆۋەتتە 1 - لىككە ئېرىشتى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى − 2022»نىڭ جۇڭگو كورلا مۇسابىقە رايونى تۇنجى مۇسابىقە كۈنىگە كىردى، مۇسابىقە يولىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور ۋە قارىغا ئېتىش تەلىپى يۇقىرى دەپ داڭقى بار «سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرى ئالدىن كەسكىن رىقابەتلىشىش باسقۇچىغا كىردى.

«سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرى رۇسىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي ئالىمى سۇۋوروۋنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملاشتۇرۇلغان مۇرەككەپ جەڭ مەيدانى مۇھىتىدىكى مۇسابىقە يولىدا سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىدۇ، تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ، شىددەت بىلەن زەربە بېرىدۇ، بۇ، سۇۋوروۋ ئوتتۇرىغا قويغان كۆزىتىش، تېز سۈرئەتلىك بولۇش، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت جەڭ تاكتىكىسى ئۈچ پىرىنسىپىنى نامايان قىلغان. بۇ يىل جۇڭگو، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق بەش دۆلەت مۇسابىقىگە قاتناشتى، تۆت مۇسابىقە كۈنىدە ئۈچ نۆۋەتلىك يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، رۇسىيە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن 3-BMP پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكەندىن سىرت، باشقا كوماندىلار بىردەك جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن 86A پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىدۇ.

مۇسابىقىنىڭ تۇنجى كۈنىدە يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بەش دۆلەتنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەترىتى جەمئىي ئالتە پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى، رۇسىيە ئۆزىنىڭ جابدۇق ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن سىرت، يەنە بىر ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن 86A پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈردى. مۇسابىقىدە ھەر ئىككى جەڭ ئاپتوموبىلى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، «ۋاقىتنى تاقاشتۇرماي يولغا چىقىش» «ۋاقىتنى ئايرىم ھېسابلاش» شەكلىنى قوللىنىپ بەسلەشتى، ھەربىر ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى باش رېپېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بىر مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە ئارىلىق قويۇپ يولغا چىقىپ، بەلگىلەنگەن مۇسابىقە يولىنى بويلاپ 2.5 چەمبەر يۈردى، يول ئۈستىدە سۇ كېچىكى، توپا چوققا، تانكىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاكوپى، چاق ئىزى كۆۋرۈكى قاتارلىق 12 توسالغۇدىن ئۆتتى ھەم ئىككى قارىغا ئېتىش سېپىدە ئۈچ قېتىم قارىغا ئېتىشنى تاماملىدى.

«يېشىل ئاپتوموبىل دىققەت، يولغا چىقىڭلار!» باش رېپېرنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەنلا، يېشىل بايراق ئېسىلغان جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن يولغا چىقتى، يۇقىرى سۈرئەتتە قوزغالغان جەڭ ئاپتوموبىللىرى مۇسابىقە يولىدا توپا - توزان كۆتۈردى. جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭۋېي فۇچېڭ، زەمبىرەك ئەترىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭشى ليۇجېڭ، شوپۇر، 2 - دەرىجىلىك شاڭشى خۇاڭ شەنيۇڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 74 - جىتۇەنجۈنىنىڭ مەلۇم لۈسىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

تانكىغا قارشى نەچچە ئون مىنا تېگىپ كەتسىلا پارتلايتتى، تەقلىدىي بومباردىمان قىلىنغان يول بۆلىكىدە سىلكىنىش كۆرۈلدى، ئۈزلۈكسىز پارتلاۋاتقان ئىختىيارىي تاللانغان پارتلىتىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى قۇم - توزان ۋە ئىس - تۈتەك ئىچىدە لىنىيەگە تېز ھۆكۈم قىلىپ، ھەرىكەتچان توسالغۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قارىغا ئېتىش نۇقتىسىغا يېتىپ باردى. ئوق - دورا قاچىلاپ، نىشاننى ئىزدىدى، زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، 1000 مېتىر يىراقلىقتىكى بەش ئىختىيارىي كۆرسىتىلگەن پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنىڭ نىشان بەلگىسى يەرگە يىقىلدى.

ئارقىدىنلا مەيدانغا چىققان ئىران، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل گۇرۇپپىلىرى، ئەترەت ئەزالىرى جەڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ھەيدەپ، توپا چوققا، تىك يارلاردىن ئۆتۈپ، تانكىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاكوپى، مىنا مەيدانى قاتارلىق جەڭ مەيدانى ئىستىھكاملىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، دەل جايىدا ئايلانمىدىن ئۆتۈپ، تېز سۈرئەتتە سۇ كېچىكىگە بۆسۈپ كىرىپ، ھەش - پەش دېگۈچە نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇ دولقۇنىنى ھاسىل قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بەسلىشىش جىددىي، كەسكىن بولدى، ئىنچىكە، كۈچلۈك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ھۆكۈم قىلىش - باھالاش، كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، جىددىي رېمونت قىلىش، داۋالاش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق كاپالەت كۈچلىرى ھەر ۋاقىت ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇسابىقە مەيدانىدىكى سەر خىل كۆرۈنۈشلەر ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ، ھەم ھۆكۈم قىلىش - باھالاش خىزمىتىنى دەل بولغان ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، ھەم نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ بىۋاسىتە، ھاياجانلىق مۇسابىقە كۆرۈش تەسىراتى بېغىشلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرقى پەللە سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شۇ كۈنلۈك مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى «سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرى بويىچە يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىدە 1 - بولدى، بېلارۇسىيە، ئىران ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 -، 3 - بولدى. «سۇۋوروۋنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» تۈرى بويىچە يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنىڭ 2 -، 3 - نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ۋە 18 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.