تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى:​ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

بۇ يىلقى 7 - ئاينى، ئۈمىتئالى ئۆتكۈر ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدۇ. 14 ياشقا كىرگەن ئۇ بىرىنچى قېتىم يۇرتى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن چىقىپ، «ماناس»نى ئورۇنلىدى، ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالغىنى شۇكى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خۇددى قار لەيلىلىرىدەك پامىر ئېگىزلىكىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى گۈللىرى ئېگىزلىكتە پورەكلەپ ئېچىلدى

قىزىلسۇ ئوبلاستى «تاغلىق ئوبلاست» بولۇپلا قالماي، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ «بەختلىك ماكانى». مىللىي ئېپوس «ماناس»، قىرغىز مىللىتىنىڭ كەشتىلەنگەن كىيىم - كېچەكلىرى، ئاتۇشتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلق ئىچى ئۇسسۇللىرى... ئېپوستىن ناخشا - ئۇسسۇلغىچە يەنە كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىگىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېببىي دورىگەرلىكىدىن ئەنئەنىۋى مىللىي تەنھەرىكەت تۈرىگىچە، خەلق ئارىسىدا ساقلانغان تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قېزىپ چىقىلدى ۋە رەتلەندى ھەم بىر قاتار قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر تۈرلۈك دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى، تۆت تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى ۋە 22 تۈرلۈك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى.

قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى كۆپ مىقداردىكى يازما ماتېرىيال، سىنلىق ماتېرىيال، سۈرەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، مىللىي ئېپوس «ماناس»نى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى. نۆۋەتتە «ماناسچى» جەمئىيىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ.

بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، قىزىلسۇ ئوبلاستى مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە چوڭ تىپتىكى ئىجادىي ئوپېرا «ماناس»نى ئىجاد قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 60 نەچچە مەيدان قېتىم ئويۇن قويدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە نۆۋەت «ماناس» خەلقئارا ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى، بەش قېتىم «ماناس» خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

چىن دىلى، بارلىق كۈچى بىلەن ۋارىسلىق قىلدى، ئەۋج ئالدۇردى

«<ماناس>نى ئورۇنلاش ئۈچۈن جەزمەن پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن كىرىشىشىمىز كېرەك، سۆز - جۈملىلەرنى ئاددىي ھالدا ئېيتىپ قويساقلا بولمايدۇ، قىزغىن كەيپىياتتا بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنى مەزمۇنغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى ئىككىتېرەك كەنتىدىكى بىر كورپۇس ئۆيدىن چۈشەندۈرۈش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

چۈشەندۈرگۈچى بولسا 56 ياشلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 50 نەچچە <ماناسچى>نى تەربىيەلىدىم، ئۈمىتئالى ئەڭ ئالاھىدە بىرى، ئۇنىڭ ئورۇنلىغان نومۇرىنىڭ ئىنتايىن تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بار بولۇپ، تاماشىبىنلارنى تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىگە باشلاپ كىرەلەيدۇ».

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەربىيەلىگەندە، يۈزتۇرا ئۆگىتىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئۇستاز - شاگىرتلار ئارىسىدا يۈزتۇرا ئۆگىتىشتىن باشقا، قىزىلسۇ ئوبلاستى يەنە قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت سارىيى، مەكتەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق سورۇنلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش كۇرسى ئېچىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆگىنىش يولىغا مېڭىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ئالتە قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا قىزىقىدىغان 200دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئامما ئۆگىنىش جەريانىدا مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى.

«بۈركۈت قىرغىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى، بۈركۈت كۆندۈرۈش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىق، ھەم ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنىڭ ئىپادىسى» دېدى، بۈركۈت كۆندۈرۈش ئادىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋارىسى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان 71 ياشلىق قۇرماش قۇتمان.

مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ناخشا تېخىمۇ ياڭرىدى

ھەر قېتىملىق مۇھىم، زور بايراملاردا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىدە رىتىملىق شادىيانە ئۆلەڭ ناخشىسى ياڭرايدۇ، بۇ ھەم تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىرى.

پامىر ئېگىزلىكىدە تارقالغان بۇ خىل خەلق ئىچى مۇراسىم ناخشىلىرى ئەڭ دەسلەپتە توي مۇراسىم قوشاقلىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېيتىلىشقا ئەگىشىپ، ھازىر شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مۇھىم، زور بايراملىرىدا جەزمەن ئورۇنلىنىدىغان نومۇر بولۇپ قالدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەردە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مەدەنىيەت كەنتى، جۈسۈپ ماماي خاتىرە سارىيى، بۈركۈت مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، مىللىي خاسلىققا ئىگە كەنت قاتارلىق مۇشۇ خىل مەيدان - سورۇنلار بار... غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەيدان - سارايلىرىدا ناخشا سادالىرى ياڭراپ، لەرزان ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇ يەردە ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىندى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش (ئۆگىتىش) مەيدان - سارايلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىمۇ ئۆز بازىسىغا ئىگە بولدى. قىزىلسۇ ئوبلاستى يەنە تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» «قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ماناسچىلارنى بېكىتىش تەپسىلىي قائىدىسى» «ماناسقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش يىرىك پىلانى (2017 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە)» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ ئىلان قىلىپ، قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.