تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى​

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار ۋە كاپالەت خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا، ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى، تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم كورلا شەھىرىدىكى يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەنگەن ئولتۇراق رايونلار ۋە مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسىدا، بۈگۈر ناھىيەسى لايسۇ تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈم قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن زەنجىرى ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن ھامان تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەدبىر جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق بولۇش كېرەك. خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش، يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش، يۆتكەش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق پۈتۈن ھالقا تەرتىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان بارلىق خادىملارنى تېز سۈرئەتتە، دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا يۆتكەپ ئايرىپ، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ 9 - نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە داۋالاش ۋاسىتىلىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاپ - قۇتقۇزۇپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن مۇداپىئە كۆرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ مۇھىتىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاشتا تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئاپەتلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يول يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، رايونلار ماسلىشىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ۋە «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش»تىن قەتئىي ساقلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.