تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: ھازىرغىچە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، مۇنبەر، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق يىغىن تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، تۈرلۈك سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمەتلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى يىغىن ئىشلىرى، تارقىتىش ۋاسىتىلىرى بۆلۈمى يىغىن رايونىنىڭ مەسئۇلى يەن شياۋفۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5 - ئاي، 8 - ئايدا يىغىن زاللىرىنىڭ ئىشىك - دېرىزە، يەر يۈزى، ياڭراتقۇ قاتارلىق ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىككى قېتىم تەكشۈردى، رېمونت قىلدى؛ 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن بۇرۇن يىغىنغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاشنى تاماملىدى؛ 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن بۇرۇن 32 مەيدان قېتىم ئېچىلىش مۇراسىمى، مۇنبەر، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 23 مەيدان قېتىمدا ھەمكارلىق ھاسىل قىلىندى.

شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 5 - قەۋىتىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق زال بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاساسىي مۇنبەر، پاراللېل مۇنبەر ھەمدە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي. 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، مۇخبىر نەق مەيداندا ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، بىرنەچچە ئىشچىنىڭ گىلەم تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 43 مېتىر كېلىدىغان LED چوڭ ئېكرانى قويۇلغان بولۇپ، بىر نەچچە ئىنژېنېر چوڭ ئېكراننى تەڭشەۋاتاتتى. «بۇ، بىز بېيجىڭدىن يۆتكەپ كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار LED چوڭ ئېكرانى بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈزۈكلۈككە ئىگە، پەرق ئېتىش ئۈنۈمى 16Kغا يېتىدۇ» دېدى يەن شياۋفۇ.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز ھەرقايسى يىغىن زاللىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، قالتىس بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى يىغىن ئىشلىرى، تارقىتىش ۋاسىتىلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ جياۋېي.

سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتى بەش كۈن ئىلگىرى تاماملىنىپ بولدى، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 90 نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانا 1600، ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى 4000دىن ئارتۇق. ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمىگە 206 ئورۇن قاتناشقان بولۇپ، ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 20 نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ، پۈتۈن كۆرگەزمە رايونى كۆلىمىنىڭ %63ىنى ئىگىلەيدۇ.

«نۆۋەتتە يىغىن كاتىبات باشقارمىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر تىزىملىكىنىڭ تەھرىرلەش، بەت ياساش ۋە بېسىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى ئاساسىي مەيدانىنى ياساش سودىگەرلىرى ۋە قېلىپلاشقان ماتېرىيالدا ئالاھىدە بېزەش ئورۇنلىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛ 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ، ياغاچ قۇرۇلمىدا ئالاھىدە بېزەش ئورۇنلىرىمۇ كىرىپ ئورۇنلىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ» دېدى جۇ دىچياڭ.

ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 364 بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسى 900 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. «كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە ئون كۈن قالدى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ يەنە كۆپىيىدىغانلىقى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسىنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى» دېدى جۇ دىچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.