تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئوخشاش بولمىغان سادالارغا كۆپرەك قۇلاق سالايلى

□ دەي لى

تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلار «تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ»، كۈچنى تېز تەشكىللەپ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى، ماددىي ئەشيا ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغان بىر قاتار بىرىكمە مۇشت قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كەڭ دائىرىدە قوللاش ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

ھالبۇكى، «رازى بولۇش» «ئالقىش» سادالىرى ئىچىدە، ئالاقىدار تارماقلار كاللىسىنى يەنىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپىدىن كەلگەن، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن كەلگەن، خەلق تورى سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئالاقە تورى سۇپىسى، مەمۇرىي ئىشلار بويىچە قىزىق لىنىيەلەردىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان سادالارنى كۆپرەك ئاڭلىشى كېرەك. مەسىلەن، كۆكتات يېيىشى تەس بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىش، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشى - داۋالىنىشىدىن ئەندىشە قىلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىزلاردا سېسىپ كېتىشىدىن غەم قىلىش قاتارلىقلار، بۇ سادالاردا ئىپادىلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، غەم قىلىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك.

ئاممىنىڭ نارازى بولۇش سەۋەبى ئىنتايىن كۆپ، يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈزبەرگەچكە، ئالاقىدار تارماقلار ئالدىراپ - تېنەپ تاقابىل تۇرغاچقا، خىزمەتتە قاراڭغۇ رايون، يوچۇق ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن؛ شۇنداقلا ئايرىم تارماقلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ئىقتىدارى تېخى يېتەرلىك بولمىغان بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش كۈچلۈك بولمىغاچقا، ئاجىز ھالقىلار پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن... مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە يەنە ئىنچىكە بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق، دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئايرىم كىشىلەرنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولماي، خىزمەتتە لەيلىمىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئاممىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئازراق ئاچچىقلىنىپ قېلىشى، بەزى غەلىتە گەپلەرنى قېلىشنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ئوخشاش بولمىغان سادالارنى كۆپرەك ئاڭلاش، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ، بىزنىڭ يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىزغا پايدىلىق.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەم سالمىقى، سۈرئىتى بولۇش، شۇنداقلا ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە ھارارىتى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئوخشاش بولمىغان سادالارنى ئاڭلىماي تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلار قۇلاققا ياقمايدىغان سادالارغا ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بار بولسا تۈزىتىپ، يوق بولسا ساقلىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش جەريانىدا، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق «بىر مەسىلىنى ھەل قىلغان بىلەن، بىرمۇنچە ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇش»تىن ساقلىنىش كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.