تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا «يېشىللىق ئۇرغۇپ تۇرماقتا»

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان نائەيسى ئۈرۈمچى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىلغان كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قاچىلاش، ماركا چاپلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بىز ئۆسۈملۈك تۇغۇندى ماددىسى قاتارلىق تەبىئىي ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى قىلىپ، تۈرلۈك ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار ۋە ياردەمچى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئازايتتۇق، ئەنئەنىۋى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا سۇ %40تىن ئارتۇق تېجەلدى.» نائەيسى ئۈرۈمچى چەكلىك شىركىتى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرى رەن لۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇردى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كېرەكسىز گازنى تازىلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى، كېرەكسىز سۇ قويۇپ بەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

نائەيسى شىركىتى پەقەت شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، باركۆل كەسكىن تەدبىر قوللاندى» دېدى قومۇل شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇڭ يىمىڭ.

گۈڭگۈرتلەشكەن ئىشقار كەسپى ئىلگىرى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، باركۆلنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقانىدى، بىراق كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى ئالدىدا، 2017 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ ناھىيە تۇز خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولدى ۋە تەرتىپلىك چېكىندۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەسلىدىكى خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىدىكى ئالتە خىمىيە سانائىتى كارخانىسى تەدرىجىي تاقالدى، چېكىندۈرۈلدى، بىر كۆمۈر كوكسلاش كارخانىسى بۇ ناھىيەنىڭ ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر توپلانغان رايونىغا كۆچۈپ، ئاكتىپ كاربون كەسپىگە يۈرۈش قىلدى.

شىنجاڭ سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ساھەسى قاتارلىق سەككىز يۆنىلىشتىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كۆمۈر، پولات - تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا قارىتا كەسكىنلىك بىلەن «ياق» دېدى.

«بىز كوكس پېچى قالدۇق گازىدىن ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۈكىنى ئەسلىدىكى %80تىن %110كە ئۆستۈردۇق، تەبىئىي گاز كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 150 مىڭ كۇب مېتىردىن 200 مىڭ كۇب مېتىرغا ئۆستۈردۇق.» شىنجاڭ جىنيۈەن ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ بىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جىنيۈەن ئېنېرگىيەسى كوكس پېچى قالدۇق گازىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرىدە ھەر يىلى تەخمىنەن 200 مىليون كۇب مېتىر كوكس پېچى قالدۇق گازىنى بىر تەرەپ قىلغىلى، 87 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، تەخمىنەن 120 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى، 900 توننىدىن ئارتۇق ئازوت ئوكسىدى، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېشىل ياسىمىچىلىقنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى پائال يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى بىلەن سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى جەھەتتە بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2021 - يىللىق قاقاس تاغنى كۆكەرتىش تۈرىدە، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان سۇغىرىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش - ئەمەلىي قوللىنىش تۈرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، خىزمەتچى خادىملار پەقەت بىر يان تېلېفون بىلەنلا، نەچچە مىڭ مو يەردىكى يېشىللىقنى سۇغىرىش خىزمىتى مەشغۇلاتىنى قىلالايدۇ.

بۇ تۈر قاقاس تاغنى كۆكەرتىشتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئويناپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى. «يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلغاندا دەل جايىدا سۇغارغىلى بولىدۇ، كۈندىلىك سۇ سىڭىش مىقدارىنى 3000 كۇبتىن ئارتۇق تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكا خادىمى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەر خىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار تىزىملىكىگە كىرگەن 25 كارخانا ئىچىدە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كارخانىلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېشىل كىرېدىت كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن بولۇپ، ئاساسلىقى پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە مايىللاشتۇرۇلغان.

«ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈرىگە ئۆسۈم ياردىمى مەدىتى بېرىش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا جەمئىي 167 ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈرى ۋە 122 پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىنى تەۋسىيە قىلدۇق» دەپ تونۇشتۇردى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى شۈكې.

شىنجاڭ يورۇقلۇق ئىسسىقلىقى، ئېنېرگىيە ساقلاش، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بولۇپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك سىناق جاي ھېسابلىنىدۇ، ئېنېرگىيە كەسپىدە قانداق قىلغاندا پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇمۇ شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا. 7 - ئايدا شىنجاڭدا «ئاكادېمىكلارنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار بەس - بەستە شىنجاڭ ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى.

جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لو بىشيۇڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى بەرپا قىلىشنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇپ، شامال، يورۇقلۇق، زاپاس ساقلاش، شامال، يورۇقلۇق، ھىدروگېن، زاپاس ساقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلەرنى بىرىكتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە شامال، يورۇقلۇق، سۇ، زاپاس ساقلاش، ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى، زاپاس ساقلاش ئەڭ چوڭ بازىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى.

يېشىل كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش

2021 - يىلى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يىللىق يېشىل ياسىمىچىلىق تىزىملىكىدە، شىنجاڭدىكى 19 كارخانا دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت قاتارىغا كىردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن جەمئىي 136 (دۆلەت دەرىجىلىكى 72)نى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىدىن يەتتە (دۆلەت دەرىجىلىكى بەش)نى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتتىن 46 خىل (دۆلەت دەرىجىلىكى 45 خىل)نى ئېچىپ، يېشىل باغچە رايونىدىن توققۇز (دۆلەت دەرىجىلىكى يەتتە)نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى، بەش تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل ياسىمىچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىنى يېتىشتۈردى، يېشىل ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ «سۈرئەت دەرىجىسى»نى تېزلەتتى.

ھازىر دەل لازىدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى بولۇپ، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىمۇ كۆپ يۈزبېرىش مەزگىلىگە كىردى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى شياۋتۈن كەنتىدىكى 1000 مولۇق «سىپىڭتۇ» لازىسىنىڭ كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىدىن يېشىل مۇداپىئە كۆرۈش - تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى لازىلىققا قاتار - قاتار كىچىك سېرىق تاختىلار سانجىلغان بولۇپ، ئۈستىگە ھەر خىل ئۇششاق قۇرتلار چاپلىشىپ قالغانىدى. گۇچۇڭ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك جۇغراپىيەلىك بەلگە بويىچە قوغدىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بولغان، كېيىن پىشىدىغان «سىپىڭتۇ» لازىسى ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭ بوستانلىقىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئاز ئىشلىتىش تېخنىكىسىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئارقىلىق، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، زىيىنىنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، زىياننى تىزگىنلەش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 400 نەچچىنى قۇرۇپ، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولغان كۆلەم 12 مىليون مودىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى.

سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىمۇ ئىلگىرىكى بايلىق، سەرپىياتقا ئاساسلىق تايىنىشتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تەدرىجىي يۈزلەندى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى پۇختا قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، بۇلغىما قويۇپ بېرىش بارغانسېرى ئازىيىپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈم ئارقىلىق گۈللەندۈرىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل بولۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.