تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى پائال تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك

شى جىنپىڭ «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» لى پېيشېڭ، خۇ شياۋچۇنگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى​

راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى پائال تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك

جاۋاب خەت

يولداش لى پېيشېڭ، خۇ شياۋچۇن:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىلەر ئۇزاق يىل تىك قىيالار ئارىسىدا مۇھىتنى پاكىزلاپ، كۈن - كۈنلەپ مىڭ يىللىق يىڭكېسۇڭ قارىغىيىنى ئاسراپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن گۈزەل خۇاڭشەن تېغىنى قوغداپ، كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار.

«جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر»نىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئاددىي خىزمەت داۋامىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى. سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولۇڭلارنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى پائال تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈپ، ئەتراپىڭلاردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتتە ياخشى پۇقرا، ئىدارىدە ياخشى خىزمەتچى، ئائىلىدە ياخشى ئەزا بولۇشقا تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2022 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەنخۇي خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىمى لى پېيشېڭ، خۇ شياۋچۇنگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» بولۇشتەك ئۈلگىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ئۇزاق يىل تىك قىيالار ئارىسىدا مۇھىتنى پاكىزلاپ، كۈن - كۈنلەپ مىڭ يىللىق يىڭكېسۇڭ قارىغىيىنى ئاسراپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن گۈزەل خۇاڭشەن تېغىنى قوغداپ، كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر»نىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئاددىي خىزمەت داۋامىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى. سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولۇڭلارنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى پائال تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈپ، ئەتراپىڭلاردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتتە ياخشى پۇقرا، ئىدارىدە ياخشى خىزمەتچى، ئائىلىدە ياخشى ئەزا بولۇشقا تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

2008 - يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى توردا «ئەتراپىمدىكى ياخشى كىشىلەرنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ھازىرغىچە «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» 150 سان ئېلان قىلىندى، جەمئىي 16 مىڭ 228 ئادەم (گۇرۇپپا) «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارىغا كىردى. لى پېيشېڭ، خۇ شياۋچۇن خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا ئايرىم - ئايرىم مۇھىت تازىلىقى ۋە يىڭكېسۇڭ قارىغىيىنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2012 - يىلى ۋە 2021 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش تۈرى بويىچە «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارىغا كىردى. يېقىندا، لى پېيشېڭ، خۇ شياۋچۇن باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خىزمەت ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، گۈزەل خۇاڭشەن تېغىنى قوغداش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.