تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دىققەت! يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىگە ئائىت بۇ ساۋاتلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ) 8 - ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، ئاھالىلەر يەنە يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

   شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆيىدە تۇرغان مەزگىلىدە، ئۆي ئىچىدە بىخەتەر گاز ئىشلىتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.

   يەكۈنلەنگەن ئاددىي ساۋاتلار تۆۋەندىكىچە:

   1. ئۇزۇن مۇددەت يېقىلغۇ گاز ئىشلەتكەندە شامالنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋە كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېقىلغۇ گاز ئىشلەتكەندە چوقۇم ياندا ئادەم بار بولۇش، قازاننىڭ قۇرۇپ كېتىشى ياكى شورپىنىڭ تېشىپ كېتىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   2. يېقىلغۇ گازنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئوچاق ئالدىدىكى كىلاپاننى ئېتىۋېتىش، سىرتقا ئۇزۇن مۇددەت چىققاندا گاز سائىتى ئالدىدىكى كىلاپاننى ئېتىۋېتىش كېرەك.

   3. يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ئۇلانغان ئېغىزنىڭ پۇختا ئۇلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كونىراپ كەتكەن، بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ سوپۇن سۈيىنى رېزىنكە تۇرۇبىنىڭ ئۇلانغان ئېغىزىغا سۈركەش ئارقىلىق گازنىڭ قاچىدىغان-قاچمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەگەر كۆپۈكچىلەر چىقسا گاز قاچقان بولىدۇ.

   4. يېقىلغۇ گاز ئىشلىتىدىغان ئۆيلەرگە كېرەكسىز نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئوچاقنىڭ ئەتراپىغا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى قويماسلىق، گاز تۇرۇبىسى ۋە گاز سائىتى قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىلگەن ئۆيدە ئادەم ئولتۇرماسلىق كېرەك؛ بىر ئۆيدە ئىككى خىلدىن ئارتۇق گاز مەنبەسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

   5. يېقىلغۇ گازدىن گاز قاچقانلىقىنى بايقىغاندا، دەرھال يېقىلغۇ گاز كلاپانىنى ئېتىۋېتىپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى تېزدىن ئېچىپ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش ھەمدە دەرھال سىرتتىكى بىخەتەر رايونغا بېرىپ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96517گە تېلېفون قىلىش كېرەك. بۇ جەرياندا، ئ‍ۆي ئىچىدە ھەرقانداق ئوت ئىشلىتىش، تېلېفون قوبۇل قىلىش-تېلېفون ئۇرۇش، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېچىش-ئېتىش قاتارلىقلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.