8-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2022-يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ چوڭ رايون مۇسابىقىسى ۋېينەن مۇسابىقە رايونى O گۇرۇپپا،P گۇرۇپپا گىرەلەشمە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن ئارال 359 كوماندىسى شۇ كۈنى 2:3 نەتىجە بىلەن رەقىبى باۋدىڭ شۆچېڭ رىقابەت كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، ئارال 359 كوماندىسى ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە 2:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن بولغاچقا، ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 4:3لىك ئومۇمىي نەتىجە بىلەن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 2022-يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر 2023-يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى