تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى

تيەنجىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«800 مولۇق <ياڭجىزى گۈرۈچى> ساياھەت شال ئېتىزى، 28 ئۆلچەملەشكەن قوتان، يەنە قۇربان تۇلۇم ساياھەت كەچلىك بازىرى، جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسى، قۇربان تۇلۇم قەغەز قىيما قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى بار، كەنتتىكى ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن چوڭ.» 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختى سۇلايمان بەيدۇللا خۇشال ھالدا كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى.

بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر تيەنجىن شەھىرىنىڭ كۆپ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مول مېۋىسى.

«بىز قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدىن ئىبارەت قىزىل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، <ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش> قۇرۇلۇشى پىكىر يولى ئارقىلىق، <بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش>نى كۆزلەپ، توغراغاز كەنتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇلۇشىغا كۆپ نۇقتىدىن تۈرتكە بولدۇق. 2021 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 37 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 14 تۈرنى قۇردۇق» دەپ تونۇشتۇردى تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، كېرىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۆ جۈن.

توغراغاز كەنتى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغان» قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى، 2016 - يىلى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ سېلىنغان قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. «ئادەتتە ھەر كۈنى 300دىن 500گىچە ئادەم كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ» دېدى بۇ خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ئامانگۈل ئەلى مۇخبىرغا. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى توغراغاز كەنتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا چوڭ ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

2021 - يىلى، تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توغراغاز كەنتىدە جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسى بەرپا قىلدى، 53 دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتتى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ۋە يېڭىدىن سېلىنغان تۈرلۈك دۇكاندىن بەشى بولۇپ، 12 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇ يىل، تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇربان تۇلۇم قەغەز قىيما قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى قۇرۇپ، ياڭ ليۇچىڭ قەغەز قىيما ھۈنىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، 12 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى + تارقاق ئائىلە» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قەغەز قىيما خىزمىتىنى ئۆيىدە ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، قۇربان تۇلۇم مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، تيەنجىن بىلەن خوتەننىڭ خاس مەدەنىيەت كەسپىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەنتىنىڭ ماركا ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، «بىر كەنتتە خوتەن مەدەنىيىتىنى قانغۇچە كۆرۈش» «بىر كەنتتە خوتەننىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش» «بىر كەنتتە خوتەننىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا تولۇق ئېغىز تېگىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسىنىڭ كوچا ئېغىزىدىكى بىرىنچى ئۆي كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇننىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، قىزىل رەڭلىك تامغا «قىزىل ماكان» دېگەن لەۋھە تاختىسى ئېسىلغانلىقىنى، ئۈستىدە ئۇنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سېلىشتۇرما سۈرەت بارلىقىنى كۆردۇق، «ھويلا - ئاران ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۆيىمىزنىڭ ئىچى - تېشىدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، مۇھىتىمىز گۈزەللەشتى، كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى.» بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇرېشىت ئۆيىنىڭ يېنىدا ئۇنىۋېرسال تاللا بازىرى ئاچقان بولۇپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

شۆ جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2021 - يىلى تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئاساسىي شارائىتى ياخشى، ئۆيىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى بار دېھقان ئائىلىلىرىنى ھويلا - ئاران ھەم ئۆيلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنى ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللىدى، ئۆزگىچە دېھقان ھويلىلىرىدا ھايۋاناتلارنى تاماشا قىلىش رايونى، قەدىمىي شىپاڭ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇربان تۇلۇم ساياھەت كەچلىك بازىرىنى بەرپا قىلدى، ساياھەت كەچلىك بازىرى بىلەن جۇڭخۇا ئامىلى كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۆزگىچە دېھقانلار ھويلىلىرى قوشۇلۇپ خاس مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چۆرىدەپ، بۇ يىل 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 800 مو يەردە «ياڭجىزى گۈرۈچى» ساياھەت شال ئېتىزى بەرپا قىلدى، «ياڭجىزى گۈرۈچى»نىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 260 كىلوگىرامغا، ئاقلاپ چوڭقۇر پىششىقلانغاندىن كېيىنكى ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازار باھاسى 60 يۈەنگە يېتىپ، يەرنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى مېۋە ئۈزۈش باغچىسى قۇردى، بۇ باغچىدا مېۋە - كۆكتات ئۆستۈرۈش بىلەن خاس ساياھەتچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ يىلىغا 150 مىڭ يۈەن كۆپىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 710 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇربان تۇلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە VR سىنىپى قۇرۇپ بەردى، 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ توغراغاز كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كومپيۇتېر، كىتاب ئېلىپ بەردى، سىنىپلارغا تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بەردى؛ توغراغاز كەنتى بىلەن تيەنجىن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى ھەمكارلىشىپ، ياردەم قىلىش - يۆلەش ئالاقە پونكىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، رايون ماركىسىنى يارىتىش، ئالاقە تورى + بوشلۇقتىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ھەمكارلىشىش، ياردەم قىلىش - يۆلەش تەدبىرى ئارقىلىق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ھەمكارلىشىش، ياردەم قىلىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

سەھەردە، VR سىنىپىدا، بالىلار VR ئېلىپ كەلگەن پەن - تېخنىكا تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن، مەدەنىيەت كارىدورىدا، ياشانغانلار سەيلە قىلغاچ مۇڭدىشىدۇ؛ كەچقۇرۇن، قۇربان تۇلۇم ساياھەت كەچلىك بازىرىدا، ساياھەتچىلەر خاس مەززىلىك تائاملارغا قانغۇچە ئېغىز تېگىدۇ... تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردەم قىلىش - يۆلىشىدە، توغراغاز كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، جەلپكار، گۈزەل يېزا - كەنت يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.