تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مېھىرلىك «ئاق خالاتلىقلار»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، ھەربىر ئاددىي مەھەللە خىزمەتچىسى «ئاق خالاتلىق»قا ئايلىنىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، «يۇقۇمغا قارشى ئىستىھكام» قۇردى. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سەھەردىن تارتىپ كەچكىچە، ئوخشاش بولمىغان مەھەللىلەردە، «ئاق خالاتلىقلار» بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر يۈزبەردى، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى.

ئىككى سائەتتە 10 مىڭ قەدەمدىن ئارتۇق يول يۈردى

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسى فۇرۇڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ خۇڭ ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ، يان تېلېفونى بىلەن ۋىيشىن توپىدا: «بۈگۈن كۆپچىلىك بىنادىن چۈشۈپ دەنيۈەن ئىشىكى ئالدىدا خېسۇەن تەكشۈرتىسىلەر، بىر ئائىلىدىكىلەر بىللە چۈشۈڭلار» دەپ ئۇچۇر يوللىدى.

جاڭ خۇڭ فۇرۇڭ مەھەللىسى شىمالىي قورۇسىغا جايلاشقان 23 - بىنادىكى جەمئىي ئالتە دەنيۈەنگە مەسئۇل، بۇ، ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى دەنيۈەن ئەڭ كۆپ بىنا. بۇنچىۋالا كۆپ كىشىگە قارىتا قانداق قىلغاندا چەكلىك ۋاقىتتا ئاھالىلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ جاڭ خۇڭ كۆڭلىدە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا ئائىت بىر يۈرۈش مۇكەممەل خىزمەت تەرتىپىنى تەييارلاپ بولغانىدى.

«بۇلار بىنادىن چۈشۈپ خېسۇەن تەكشۈرۈش قىلىدىغانلار، بۇلار ئۆيىگە كىرىپ خېسۇەن تەكشۈرۈش قىلىنىدىغانلار، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ياشانغانلارمۇ بار.» جاڭ خۇڭ ئاھالىلەرنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن، خېسۇەن تەكشۈرۈشكە باشلىدى، پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلانغانىدى، ئىككى سائەت ئىچىدە، ئۇنىڭ قەدەم ھېسابلىغۇچىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان قەدەم سانى 10 مىڭ قەدەمدىن ئاشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ كوچىسى بېيشەن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جى شىجيې گۇڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 120 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل. «بۇ ئۆيدە تۇرىدىغىنى ياشانغان كىشى، شۇڭا ئىشىكنى بوشراق چېكىمەن، بىر ئاز ئۇزاقراق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ» «بۇ ئۆيدە كىچىك بالا بار، بالىنى قورقۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىشىكنى يېنىكرەك چېكىمەن...» «ئىشىك چېكىش گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكىنى قانداق چېكىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل «تېخنىكىلىق ئىش» بولۇپ قالدى. مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، بىر قېتىم ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئەۋرىشكە ئېلىشقا تۆت سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، ھەربىر قېتىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، جاڭ جى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەتتى.

جاڭ جى مۇنداق دېدى: «ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى بەكلا ماسلىشىدۇ، يەنە مۇددەتتىن بۇرۇن خېسۇەن تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئىككىلىك كودنى ئېچىپ تۇرىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىش ۋاقتىمىزنى زور دەرىجىدە تېجەپ بەردى.» ئەۋرىشكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جاڭ جى يەنە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى تىزىملىككە ئاساسەن، يەنە بىر قېتىم ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان - قاتناشمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.

«ھەر كۈنى ھېرىپ چارچىغانلىقتىن، ياتاققا قايتىپ بېشى ياستۇققا تېگىشى بىلەنلا ئۇخلاپ قالىدۇ»

نۆۋەتتە، غۇلجا شەھىرىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان 1320 كىشى غۇلجا شەھىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچىسى، 200 كىشى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ناھىيە، شەھەرلىك ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ياردەمگە كەلگەن، يەنە 6500دىن ئارتۇق كىشى پىدائىي ۋە مەھەللە خىزمەتچىسى، ئۇلار تېببىي خادىملارنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش، يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتىدۇ.

«بالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ تۇردۇم، ئۇنى سېغىنغان ۋاقتىمدا پەقەت ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشىمەن ياكى سۈرىتىگە قارايمەن.» 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى دۆڭ مەھەللە كوچا باشقارمىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سېستراسى لى چۇنيەن بالىسى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

يۇقۇم دېمەك بۇيرۇق دېمەكتۇر. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، لى چۇنيەن دۆڭ مەھەللە كوچا باشقارمىسى دوستلۇق يولى مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

لى چۇنيەننىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىشىچە، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، يۈز قوغداش توسۇقى تاقاپ، جابدۇقلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇدا ئون نەچچە كۈن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ بەل، پۇتلىرىنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىۋېتىدىكەن، «ھەر كۈنى ھېرىپ - چارچاپ ياتاققا قايتىپ، بېشىم ياستۇققا تەگكەن ھامانلا ئۇخلاپ قالىمەن».

لى چۇنيەننىڭ جاپاسىنى، دوستلۇق كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر كۆرۈپ تۇردى، ئېسىدە ساقلىدى، ئۇلار دائىم ئىشىكىنى ۋاقتىدا ئېچىپ خېسۇەن تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىشنى تاپىلايدۇ.

لى چۇنيەننىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «ھەربىر دەۋر بىزگە ئوخشاش بولمىغان بۇرچنى يۈكلەيدۇ، مۇشۇنداق بىر توپ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇردى، جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلەر ئۇلارنى ئۈمىدسىز قويمايدۇ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن پەرۋىش ھاياتى گۈللەرگە پۈركىنىدۇ، مەن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تال گۈل بولۇشنى خالايمەن، ئۆكۈنمەيمەن!»

«ئاھالىلەر چۈشەنسە، قوللىسا، جاپا تارتساممۇ ھېچقىسى يوق»

ھەر كۈنى سائەت 7، مەھەللىلەردىكى سانسىزلىغان «ئاق خالاتلىقلار»نىڭ جەڭگە ئاتلىنىش ۋاقتى. خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپەت - ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالدىنئالا ئىش ئورنىغا بېرىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى كوچىسى جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە، مەھەللە خىزمەتچىسى ما يۆخۇا بىلەن چېن رېنفاڭ ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە يەنە تۆت ئولتۇراق رايوندىكى 250 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

«ئەۋرىشكە ئېلىش ۋاقتىنى توغرا بېكىتىپ، دەنيۈەننى بىرلىك قىلىپ تەرتىپلىك ھالدا بىنادىن چۈشۈرگۈزۈپ خېسۇەن تەكشۈرسەك ئەڭ تېز بولىدىكەن.» ما يۆخۇا بىلەن چېن رېنفاڭ تەجرىبىلىرى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇردى، خېسۇەن تەكشۈرگەن ۋاقىتتا، بىرى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاشقا مەسئۇل بولدى، يەنە بىرى ئەۋرىشكە ئېلىشقا مەسئۇل بولدى، ئاھالىلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى كېلىپ خېسۇەن تەكشۈرتكۈزدى.

دۇڭدالياڭ غەربىي كوچىسى 353 - قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق ليۇ شاشا ۋىيشىن توپىدا خېسۇەن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەرگە تېزدىن بىنادىن چۈشۈشنى ئەسكەرتتى: «بىنادىن چۈشۈپ خېسۇەن تەكشۈرۈش نۆۋىتى بىزگە كەلدى، ئالدىن ياخشى تەييارلىق قىلايلى، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەيلى.» ليۇ شاشا ئائىلىسىدىكىلەر بىنادىن چۈشكەندە، ئىككى پىدائىي ئۇلارنى ئۆچرەتتە تۇرۇپ خېسۇەن ئىشلەشكە يېتەكلىدى، پۈتكۈل جەريانغا بەش مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى.

دۇڭ لىۋېي ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۈەن يولى تەۋەلىك رايونى يۆگۇاڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ياڭگۇاڭ مىڭجۈ ئولتۇراق رايونى 2 - بىنادىكى 165 ئاھالىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، دۇڭ لىۋېي ئىزچىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى.

«شياۋدۇڭ قىزغىن، ئەستايىدىل، ھەرقانداق ئىشتا بىزنى ئويلايدۇ، ھەر قېتىم خېسۇەن تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىزدىن نېمە كېرەكلىكىنى سورايدۇ.» 90 ياشلىق ئاھالە فۇ چاڭجۈننىڭ ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلار بولسىلا، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ».

ياڭگۇاڭ مىڭجۈ ئولتۇراق رايونى 2 - بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ياشانغانلار، ئادەتتە ياشانغانلار ئىش بولسىلا دۇڭ لىۋېيغا تېلېفون ئۇراتتى. دورا سېتىۋېلىش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، سۇ، توك پۇلى تاپشۇرۇشتىن باشقا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىن سىرت يەنە، دۇڭ لىۋېي ساتىراشلىقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە قەرەللىك بېرىپ ئۇلارنىڭ چېچىنى ياساپ قويىدۇ.

سەمىمىيلىك ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئويغاتتى. خېسۇەن تەكشۈرگەندە ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن تەرتىپنى ساقلىدى، ۋىيشىن توپىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلدى. ئاھالىلەرنىڭ پائال ماسلاشقانلىقىدىن دۇڭ لىۋېي ئىنتايىن خورسەن بولۇپ مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەر چۈشەنسە، قوللىسا، جاپا تارتساممۇ ھېچقىسى يوق!»

(مۇخبىر يې شياۋمىن، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي خۇڭپىڭ، گەن شىڭخۇا، سو رۇڭجى، جاۋ شىيا، بارشا تېگېس، جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چېڭلۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.