تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 6 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 8 مىليارد 131 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان ، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 6 مىليون 433 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولغان.

بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىغا سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ ئاپپاراتلىرى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى %100 سىستېمىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۇچۇرىنى %100 تولدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاجرىتىش ۋە چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئاجرىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر يېڭى تاراتقۇ، رادىيو قاتارلىق سۇپىلاردا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەشۋىقاتى ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان «ئىككى پارچە خەت»نى ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇش باسقۇچىدىكى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئالدىن ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەشغۇلات قوللانمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتى مەشغۇلات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.