تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

​كىشمىش يېگەنلىك شېكەر يېگەنگە باراۋەر بولامدۇ؟ سىزنىڭ كىشمىشكە بولغان خاتا چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ

  كىشمىشنىڭ ساغلام يېمەكلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال

  ئوتتۇرا GI يېمەكلىكىگە تەۋە بولۇپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋەتمەيدۇ

  كىشمىش بىر خىل ئوتتۇرا، تۆۋەن GI (قان شېكىرىنىڭ شەكىللىنىش كۆرسەتكۈچى) يېمەكلىكى بولۇپ، كىشمىشنى بىر قىسىم گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا يېگەندە، قان شېكىرىنىڭ بەكرەك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم مېۋە شەربىتى ئىچىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم كىشمىش يېگەندە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن سېمىزلەر ۋە دىئابېت ئاغرىقلىرىغا ئەنئەنىۋى ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر (پىرەنىك، چۈچى قاتارلىقلار، 300 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار)نىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى بىر بولاق 28 گىرام قېنىق رەڭلىك كىشمىش (ئومۇمىي مىقدارى 84 گىرام، تەخمىنەن 270 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار) يېگۈزگەن. 12 ھەپتىدىن كېيىن، ئىككى گۇرۇپپا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىنسۇلىن سەۋىيەسىدە پەرق بولمىغان، لېكىن كىشمىش گۇرۇپپىسىنىڭ شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن سەۋىيەسى ۋە تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بۇ، ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنىڭ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىئابېت ئاغرىقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بايقىغان.

  ساغلام كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىنمۇ بايقىلىشىچە، يېرىم قاچا گاڭپەننىڭ ئورنىدا تەركىبىدە 25 گىرام كاربون- سۇ بىرىكمىسى بولغان كىشمىش يېگەندە، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىمىگەن، ئەڭ يۇقىرى قىممەتتىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دائىرىسى گاڭپەن بىلەن ئوخشاش بولغان.

  قان بېسىمى ۋە قاندىكى ياغقا پايدىلىق

  كىشمىش كالىي، ماگنىي ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى كۆپ خىل تەركىبلەرنىڭ ياخشى مەنبەسى، يەنە تەركىبىدە ئولىگو ساخارىد ۋە پېكتىن مول. شۇڭا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 160 گىرام كىشمىش يېگەندە، يۇقىرى قان بېسىم خەۋپى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

   يەنە تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىشمىشنى پېچىنە، تورت قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا يېگەندە قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.