تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نېمىدېگەن ئارامبەخش كۆرۈنۈش! مەكىت ناھىيەسى سىلوس قونىقىدىن مول ھوسۇل ئالدى

يېقىندا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى ئۇزۇنمەھەللە كەنتىدىكى ئېتىزدا، بىر چوڭ تىپتىكى ئاپتوماتىك يىغىش ماشىنىسى قوناقلىققا گۈركىرەپ كىرىپ كەلدى، ماشىنا ئۆتكەن جايدا، قوناق شاخ ـ شۇمبىلىرى ۋە باشاقلىرى ماشىنىدا ئېزىپ پارچىلانغاندىن كېيىن، بىللە مېڭىۋاتقان تىرانسپورت ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ، باقمىچىلىق مەيدانىغا زاپاس ساقلاشقا ئاپىرىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى سىلوس يەم-خەشىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، « ھۆكۈمەت + كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، « مۇددىتى قىسقا، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز»، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سىلوس قونىقى تېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىقتا قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىگىلىنىشىچە، 2022 ـ يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ سىلوس قونىقى تېرىلغۇ كۆلىمى 180 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 540 مىڭ توننىغا، شاخ ـ شۇمبا، يەم ـ خەشەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ %95تىن كۆپرەككە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەرىگۈل مەمەت، ئابدۇشۈكۈر ئوسمان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.