تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

دېھقانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى ئېتىز-ئېرىقلارغا يەتكۈزۈلدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى قەتئىي پۇختىلاش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا ـ بازارلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىز-ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېتىز ـ ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.

ھازىر ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئېتىز-ئېرىقلاردا دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەممىلا يەردە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شات يېزىسى قوشتۆپە كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دېھقانلارغا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى خىزمىتىنى ئىلمىي، توغرا، ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەنت ئاھالىسى خەن باۋيىڭ 120 مو يەرگە بۇغداي تېرىغان بولۇپ، بۇ يىل يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، بۇغدايلىرى ياخشى ئۆستى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. خەن باۋيىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇغدايلىرىمنىڭ ئۆسۈشى يامان ئەمەس، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 500 كىلوگىرامغا يېتىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن، بىز ئەمدى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شات يېزىسى قوشتۆپە كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار زىرائەتلەرنىڭ نەملىك ئەھۋالى ھەم كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنىڭ تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزدى ھەم يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «نۆل ئارىلىق»تا دېھقانلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دېھقانلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاشلىقنىڭ ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شات يېزىسى قوشتۆپە كەنتىنىڭ كادىرى شەنجى سېلىغاي مۇنداق دېدى: «قوشتۆپە كەنتىدە 12 مىڭ 170 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە 6000 مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىلدى. يېقىندا، بىز يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.»

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئارداق، رىيزا، جالىغاس)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.