تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق سۇ باشلاش» قۇرۇلۇشى باغراش كۆلىنىڭ «ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى»

بەش يىلدا 726 مىليون كۇب مېتىر

​«قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق سۇ باشلاش» قۇرۇلۇشى باغراش كۆلىنىڭ «ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى»

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جونىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018 - يىلىدىن ھازىرغىچە، قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە جەمئىي 726 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى خۇاڭشۇيگوۋ جەنۇبىي چوڭ كۆۋرۈكى ئاستىدا، خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىن سۈيى كۆۋرۈك ئاستىدىن ئۆتتى، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى دەريا ئېقىنىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە ئون كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن باغراش كۆلىگە قۇيۇلدى. «بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، خۇاڭشۇيگوۋدىن باغراش كۆلىگە 120 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈلدى.» تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما يۇڭئەن كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە».

  خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېڭگېر تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان مۇھىم ئېقىن مەنبەسى. ئۇزاقتىن بۇيان، سۇ باشلاپ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بەك تېز بولغاچقا، كەلكۈن مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا، خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئۇزاققىچە ئۈزۈلۈپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ئېقىندىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چىققان يۇندى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىغا قۇيۇۋېتىلگەن ھەم خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە قۇيۇلۇپ، كۆل سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسلىدە كۆل سۈيى مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئەكسىچە باغراش كۆلىنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان.

  خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ۋە باغراش كۆلىدىكى سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2018 - يىلىدىن بۇيان، تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسى «قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق سۇ باشلاش» قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قايدۇ دەرياسىدىكى ئازادلىق 2 - ئۆستىڭى باش غول ئۆستىڭىدە ئېكولوگىيە چۈشۈرگىسى ياساپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇغىرىشنىڭ ئارا مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئازادلىق 2 - ئۆستىڭىنىڭ سۇ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە باشلىدى.

  تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسى باغراش كۆلى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى چېڭ يۇڭ خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىنىڭ «سېسىق سۇ ئازگىلى»دىن «پاكىز ئېقىن»غا ئۆزگەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. چېڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىنى تۈزەش مەسىلىسىدە، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى «بىر تاختا شاھمات» بولۇپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش، بۇلغىمىنى دەل جايىدا تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىدىكى دەريا - كۆللەرگە بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك ھالدا بۇلغىما چىقىرىدىغان ئېغىزدىن 25نى ئېتىپ، دەريا توسۇش چۈشۈرگىسىدىن ئۈچنى، قومۇش يېتىشتۈرۈش توسمىسىدىن نەچچە ئوننى چېقىپ تاشلاپ، خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىدىكى 22 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ ئۈزۈلۈپ قالغان كۆل سۈيى يولىنى راۋانلاشتۇردى.

  يۇندى قويۇپ بېرىلمەيدىغان بولدى، توسۇلۇپ، ئېتىلىپ قالغان دەريا يولى ئېچىۋېتىلدى، قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىغا ئويناقشىپ ئېقىپ كىرىدىغان بولدى. خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ بىلەن باغراش كۆلى ئارىسىدىكى سۇ سىستېمىسىنىڭ تۇتىشىشى ئەسلىگە كەلدى.

  سۇ سۈپىتى، مۇھىتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى 48 كەسمە يۈزگە قارىتا سۇ سۈپىتىنى مەخسۇس كۆزىتىپ ئۆلچەشنى تەشكىللىدى، نەتىجىدە خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى سۇ سۈپىتىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئۆسكەنلىكى مەلۇم بولدى. ما يۇڭئەن مۇنداق بىلدۈردى: خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنىدىكى سۇ كۆلگە قۇيۇلغاندىن كېيىن، سۇيۇقلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، بۇ كۆلنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۇنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.