تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا خەلق ئىچى جەمئىيەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا خەلق ئىچى جەمئىيەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى تەرەققىيات ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلماقتا. ھازىر، پۈتۈن يەرشارىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئاندىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خەلقئارادىكى خەلق ئىچى جەمئىيەتلىرى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا خەلق رايى ئاساسى سالىدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك خەلق رايى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋرنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.