تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

15 ياشلىق ئارسلان: دادىسى بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ پىدائىي بولدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) ئارقىدىن قارىسا، قولىدا نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈۋالغان، بويى 1.84 كېلىدىغان، ئالدىدىن قارىسا، تېخى گۆدەكلىكىنى يوقاتمىغان، كۆزلىرىدىن ئىلللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئۆسمۈر بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھاياتىدا تۇنجى قېتىم پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئارسلان غالىپ بولۇپ، ھەر كۈنى ئولتۇراق رايون تاللا بازىرى ۋە ھەر قايسى بىنالار ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ مال يەتكۈزىدۇ.

   ئارسلان بۇ يىل 15 ياشقا كىردى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونى شىمىگو مەھەللىسى شۈيمو جيايۇەن ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونلىرىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، شىمىگو مەھەللىسى پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىدا تارقاتتى، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس-بەستە تىزىملاتتى.

    ئارسلان بىلەن دادىسى غالىپ خالىقنىڭ ئىككىلىسى تىزىملاتماقچى بولغان بولسىمۇ، تىزىملىتىش سانى چەكلىك بولغاچقا، ئاتا-بالا ئىككىسىدىن بىرلا ئادەم بارالايتتى. زادى كىمنىڭ بېرىشىنى مۇنازىرە قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئارسلان ئاپىسى ماھىرە ئەخەتكە تېلېفون قىلدى. شىمىگو رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ماھىرە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە خىزمەت ئورنىغا كەتكەن ئىدى.

   «ئاپا، ئىككى يىل ئىلگىرى يۇقۇم يۈز بەرگەندە مېنىڭ پىدائىي بولغۇم بار ئىدى، ئۇ چاغدا مېنىڭ يېشىم ۋە بويۇم تېخى كىچىك بولغاچقا، پىدائىي بولالمىدىم. مەن ھازىر چوڭ بولدۇم، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مەن چوقۇم ياخشى قىلالايمەن!»ئوغلىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماھىرە بىلەن ئېرى ئوغلىنىڭ قارارىنى قوللاشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

   ئارسلان ئاساسلىقى مەھەللىدىكى ئاھالىلەر قورۇدىكى تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان ماللار تەييار بولغاندا، بۇلارنى ھەرقايسى دەنيۈەنلەرگە يەتكۈزۈشكە مەسئۇل ئىدى.

   «ئۇ ئەتىگەن سائەت 9دىن ئاشقاندا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، كەچ سائەت 11دە ئۆيگە قايتىپ كىردى، قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۈندۈزدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.»غالىپ ئوغلىنىڭ بۇنچە غەيرەتكە كېلىپ، يەنە نۇرغۇن ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.بىر ئۇچۇرنى قانداق يېزىپ ئاھالىلەر توپىدا ئېلان قىلىش، مال سېتىۋالغان ئاھالىلەر بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەرسلىكتە ئۆگەنگىلى بولمايدىغان بىلىملەر ئىدى. پىدائىي بولغاندىن بۇيان، ئارسلان ھەر كۈنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىپ، كۈندۈزى يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى.ئارسلاننىڭ يازلىق تەتىللىك ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك بىلەن بىللە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، غالىپ چۈشتىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئوغلى بىلەن ئالمىشىپ تۇردى.

  ئارسلان (سولدا) ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى. رەسىمنى ئارسلان تەمىنلىگەن.

   ئارسلان مۇنداق دېدى: پىدائىي بولغاندىن كېيىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپاسىنى بىلدىم. ھەر كۈنى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ نەرسە كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.لېكىن، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكنى ئاچقاندىكى كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، بىزنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە بىزگە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ھارغىنلىق تۈگەيدۇ.

   «ئاپام يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى ئويلايمەن. ھەر بىر كىچىك ئائىلە بىرلىكتە تىرىشسا، كۆپچىلىك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پىدائىي قوبۇل قىلسا، مەن يەنە تىزىملىتىمەن»بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن،ئارسلان يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يەنە يولغا چىقتى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.