تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا شەھىرى: 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە پىدائىي ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چېڭلۇ

  «جاڭ ئائىلىسىگە كۆكتات، لى ئائىلىسىگە سۈت، ۋاڭ ئائىلىسىگە تازىلىق قەغىزى لازىم...» 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دە، پىدائىي چى يۇڭشېڭ تىزىملىكنى سېلىشتۇرۇپ بولۇپ، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، توكسىكلىتقا مىنىپ، ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ماڭدى. چى يۇڭشېڭ غۇلجا شەھىرى ئازات يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار مەھەللىسىدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە دائىم قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى. كۆكتات سېتىۋېلىش، كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئۈچ سائەت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كەتتى، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئىچىدىكى كىيىملەر ئاللىقاچان تەردە ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى، چى يۇڭشېڭ ئاھالىلەرنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى كاشىلىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەرمەكتە. سۈرەتنى مەھەللە تەمىنلىگەن

  سائەت 14 تە، چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان چى يۇڭشېڭ توپتىكى: «چى ئاكا، ئۆيىمىزنىڭ سۇ تۇرۇبىسىدىن تۇيۇقسىز سۇ ئېقىشقا باشلىدى. » دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، يەۋاتقان تامىقىنى قويۇپ، رېمونت ئۈسكۈنىسى ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كاشىلىنى ھەل قىلدى.

  بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن چى يۇڭشېڭ ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال بىنا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق بۆلۈم دىرېكتورى، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر كۈنى 70 ئائىلىدىكى 200گە يېقىن ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلدى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى، چى يۇڭشېڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان دەنيۈەندە كارىدورنىڭ يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا. سۈرەتنى مەھەللە تەمىنلىگەن

  «مەن بۇ ئولتۇراق رايوننى پىششىق بىلىمەن، تېببىي خادىملار ئۆيگىچە بېرىپ خېسۇەن قىلىۋاتىدۇ، مەن يول باشلىيالايمەن!» دېدى چى يۇڭشېڭ. غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى بىرىنچى سېپىدە چى يۇڭشېڭغا ئوخشاش ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پىدائىيلار بارلىق ئاماللار بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار خىزمىتىگە ئاتلاندى، ئۇلار خۇددى تامچە-تامچە سۇدەك، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسىنى ھاسىل قىلدى.

  غۇلجا شەھىرى ئازات يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ يەنچىن مۇنداق دېدى: «ئالتە شۇئار مەھەللىسىدە پارتىيە ئەزاسى ۋە ئاھالىلەردىن جەمئىي 118 پىدائىي تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاھالىلەردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئاھالىلەرنى ماددىي ئەشيا كاپالىتى، تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە قىيىنچىلىق، ئىلتىماس-تەلەپلەرنى پائال توپلىدى ۋە رەتلەپ چىقتى».

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى 3178 كىشىدىن تەركىپ تاپقان پارتىيە ئەزاسى قوشۇنىدىن 255 نى، 7612 كىشىدىن تەركىب تاپقان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن 344نى قۇرۇپ ، مەھەللە، كوچا-يوللاردا نۇقتىدا تۇرۇپ، يېزا-بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلاشقان.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.