تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ: يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«بۇ بىر پارچە ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق، ھاياتلىقنىڭ پارلاق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. كىشىلەر چۆل ـ باياۋان ناھايىتى قاقاس، ئەمما يۇلغۇنلار قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈشتىن توختاپ قالمايدۇ دېيىشىدۇ...» بۇ يىل، «ئاقسۇ» دېگەن ناخشا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسىغا تەڭكەش بولۇپ كەڭ تارقالدى. بۇ ناخشىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تەبىئەتنىڭ گۈزەل مېلودىيەسى، گۈزەل يۇرت ـ ماكاننىڭ يېشىل سەھىپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى كۈرەش سەھىپىسى تەسۋىرلەنگەن.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «كۆكيار روھى»غا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش يېزا ـ كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى، يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇلغان باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى شەھەر ـ بازارلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

چۆل ـ باياۋان يېشىل تون كىيدى، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

ياز، كۈز پەسىللىرىدە، ئاقسۇ زۇڭباۋ باغۋەنچىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى موۋ زۇڭباۋ ھەر قېتىم ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىن چىقىپ، كۆز يەتكۈسىز باغ ـ ئورمانلىققا كىرگەندە، قەلبىدە چەكسىز ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ئۇرغۇيدۇ.

«بۇ يەر ئەسلىدە چۆل ـ باياۋان ئىدى، چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بۈك ـ باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان چوڭ باغقا ئايلاندى. مەن دائىم يۇرتۇم شەندۇڭدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىمنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ ئاقسۇدا يىلتىز تارتىپ، ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمغا ھەم قايىل، شۇنداقلا ھەۋەس قىلىدۇ.» 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرىغا بارىدىغان يولدا، ئورمانچىلىق ئىشلىرى بىلەن 30 نەچچە يىل شۇغۇللانغان موۋ زۇڭباۋ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىش ھېكايىلىرىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. ئومۇمىي خەلق قاتناشقان، داۋاملىق يولغا قويۇلغان چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى نۇرغۇن مۆجىزە ياراتتى، شۇنداقلا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاقسۇلۇقلارنى ئېكولوگىيە پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى 1986 ـ يىلى كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» چۆللۈكتە سىجىل ئۇزاردى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئارقا ـ ئارقىدىن كۆكيار، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ھەمدە كوڭتەيلىك چۆللۈكىنى كۆكەرتىشتىن ئىبارەت تۆت «مىليون مو» لۇق قۇرۇلۇشنى تاماملىدى. 2021 ـ يىلى، ئەشمە رايونىدىكى مىليون مولۇق چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى %3.35تىن ھازىرقى %9.04كە ئۆستۈردى.

چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا توختالغاندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايتۇرسۇن ئابلەت ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئائىلە بويىچە 2014 ـ يىلى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، ئەتراپتىكى دەل ـ دەرەخلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قىشتا بوران ئاز چىقىدىغان، ئەتىيازدا قۇم ـ توزان ئاز كۆرۈلىدىغان، يازدا يامغۇر كۆپ ياغىدىغان، كۈزدە رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدىغان بولدى. ئەڭ مۇھىمى، بىز يېقىن ئەتراپتىكى باغ ـ ئورمان بەرپا قىلىش ـ پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشلەپ، بىر ئۈلۈش كىرىمىمىز كۆپەيدى».

يېشىل توسۇق ئېلىپ كەلگەن ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئېكولوگىيە تۈرى يىرىك پىلانىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك، كۈچلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى قايتا ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى، شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم مەنبە ئېقىن رايونى (ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى)دا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەركەزلىك باشلاندى. دىققەت بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بوستانلىق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بەش چوڭ جەھەتتىكى 35 تارماق تۈرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بۇ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، قوغداش جەھەتتە يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

يېزا ـ كەنتلەردە يېڭى قىياپەت نامايان بولدى، پۇقرالار كۆپ بەختكە ئېرىشتى

باشقا جايدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشتىن داشۆدە ئوقۇشقىچە، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشقىچە، بۇ ئون يىلدا، ئادىلە باتۇر ھەر قېتىم يۇرتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى ئارا ئايماق كەنتىگە قايتىپ كەلگەندە، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۇردى. 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئادىلە باتۇر كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېڭى ئىش باشلىغان، كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى باغچىسىنى كۆرۈپ: «كەنتتە يەنە يېڭى ئۆزگىرىش بوپتۇ» دەپ ئىختىيارسىز ماختاپ كەتتى.

ئارا ئايماق كەنتى ئەسلىدە نامرات كەنت بولۇپ، 2019 ـ يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان ئۆرۈك چېچىكى كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىنىپلا قالماي، يېڭىدىن ھايۋاناتلار باغچىسى، بالىلار ئويۇن ئويناش مەيدانى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالى قۇرۇلدى، يەنە «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق بازىسى + باقمىچىلىق ئائىلىسى + شىركەت + بازار» «باقمىچىلىق بازىسى + چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات ئورنى» ئەندىزىسىدىكى قوي باقمىچىلىق بازىسى كۈچەپ بەرپا قىلىندى.

باي ناھىيەسىدە، ھەرقايسى يېزا ـ بازارلار يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل مۇھىتنى گۈزەل كەسىپ، گۈزەل ئىقتىسادقا ئايلاندۇردى. باي ناھىيەسى چارچى بازىرى چاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى گۈزەل، رەتلىك ھەم پاكىز، يېزىدىكىلەر بىلەن شەھەردىكىلەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، يېتىپ ـ قوپۇش، كىيىنىش ـ ياسىنىشىدا ھېچقانداق پەرق قالمىدى، ھەممە ئادەم خۇشال ـ خۇرام، بەختلىك بولدى، ساپاسىمۇ ئۆستى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، «ئون، يۈز، مىڭ» (نەچچە ئون گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىش، يۈز كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، مىڭ كەنتنى تۈزەش) قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، ئەخلەتلەرنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى پاكىزلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شەھەر رايونىنىڭ ئۆزى مەنزىرە رايونى بولدى، باغچە رايونى يېشىللىققا پۈركەندى

«ئاقسۇ ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بولسىمۇ، ھەربىر شەھەر باغچىدەك قۇرۇلغان، نەگىلا بارسا كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلىدىكەن» دېدى 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئاقسۇغا سەيلە ـ ساياھەتكە كەلگەن ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى شۈ چاۋجۈن. ئاقسۇ شەھىرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان دولان دەرياسىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى يېنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارلىغاچ تېغىغىچە؛ توقسۇ ناھىيەسىنىڭ بازار رايونىدىكى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسىدىن كۇچا شەھەر رايونىدىكى دۇڭخۇ كۆلى ۋە نەنخۇ كۆلىگىچە... ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى شەھەرلەر تەبىئىي تاغ ـ دەريالارغا تايىنىپ، كونا دەريا قېنى، ئېرىق ـ ئۆستەڭ، تاشلاندۇق ئەخلەت مەيدانى قاتارلىقلارنى قايتا ياساپ، «ئورمانلىق ئىچىدە شەھەر، شەھەر ئىچىدە سۇ، باغچە ئىچىدە ئۆي، مەنزىرە ئىچىدە ئادەم» بولغان ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سودا ـ كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت ـ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ـ كۈتۈنۈشتىن ئىبارەت كۇچا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچنى بەرپا قىلىپ، «سىرتقا چىقسىلا يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان، يۈز قەدەم ماڭسىلا ئورماننى كۆرەلەيدىغان، مىڭ قەدەم ماڭسىلا باغچىنى كۆرەلەيدىغان، ئونمىڭ قەدەم ماڭسىلا سۇنى كۆرەلەيدىغان» بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۇچا دەرياسىنىڭ شەھەر رايونى بۆلىكىدىكى سۇ سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 32 گېكتار كۆكەرتىش كۆلىمى، 55 گېكتار ئېكولوگىيەلىك سۇ دائىرىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، راھەت، يېقىشلىق بولغان، يېقىملىق، تەبىئىي بولغان، بارلىق ياش قاتلىمىدىكىلەرگە ماس كېلىدىغان باغچىسىمان شەھەر مۇھىتى يارىتىلدى.

باغچە رايونى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورى. كەسىپ تەرەققىياتى ۋە شەھەرنى يېڭىلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان باغچە رايونى ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. شايار ناھىيەسىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىدا، ئوندىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىسى ئىلغار توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرچۇق سانى، ئۇسلۇبى، ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشاش بولمىغان يىپ ئىشلەپچىقاردى، توقۇلما رەخت ۋە كارىۋات بۇيۇملىرى، كىيىم ـ كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھەتتا پاختا پىششىقلاش جەريانىدا شەكىللەنگەن قالدۇق ماتېرىيال، چىگىت قاتارلىقلاردىنمۇ تولۇق پايدىلاندى؛ شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى شايار ناھىيەسىنىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىغا تايىنىپ، بىرىكمە ئاممىياك، ئورىيا، نىترات كىسلاتاسى، ئاممۇنىي نىترات، بىرىكمە ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئايلانما كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ جاي «يېشىل، يېڭىلىق يارىتىشچان، زەنجىرسىمان، رەقەملەشكەن» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىش داۋامىدا «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ ماكانلىشىشىنى قاتتىق چەكلەپ، باغچە رايونى ۋە سانائەت كارخانىلىرىنى يېشىل مەھسۇلات يارىتىش، يېشىل زاۋۇت قۇرۇش، يېشىل باغچە رايونى بەرپا قىلىش، يېشىل تەمىنات زەنجىرى شەكىللەندۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.