تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تېببىي خادىمدىن 320نى، خېسۇەن تەكشۈرۈش خادىمىدىن 51نى ئاجرىتىپ ئىلى ئوبلاستىغا جىددىي ياردەم بەردى

  

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋىرى: 8 – ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چىڭخۇا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشى، ياردىمىدە، ئىلى ئوبلاستى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش، يۆتكەپ توشۇش، ئايرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىش بېجىرىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، قاتتىق قوللىنىپ، تېز كونترول قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي تىزگىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن تېببىي خادىمدىن 320نى، خېسۇەن تەكشۈرۈش خادىمىدىن 51نى ئاجرىتىپ، ئىلى ئوبلاستىغا جىددىي ياردەم بەردى، ئىلى ئوبلاستى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن 328 تېببىي خادىم، سېسترانى يۆتكەپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئايرىپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا ياردەم بەردى. تارماقلارنىڭ ساھە سانلىق مەلۇماتىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، ئىلگىرىكى قەرەللىك خېسۇەن تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، خېسۇەن تەكشۈرۈشتە بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خېسۇەندە شاللاپ تەكشۈرۈشنى ئاساس، ئانتىگېننى شاللاپ تەكشۈرۈشنى قوشۇمچە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ۋاقىت مەزگىلىنى ئېنىق قىلىپ، ۋاقىتقا ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.