تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزدىكى كۆكتات كۆلىمى 1 مىليون 532 مىڭ موغا يېتىپ، «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازارنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولدى

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى سىيەك كەنتىدىكى دېھقانلار باش پىيازنى قاچىلاپ توشۇماقتا. ئېزىز سامساق فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون( يەرلىك)نىڭ ئېتىزدىكى كۆكتات كۆلىمى 1 مىليون 532 مىڭ مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 142 مىڭ مو كۆپەيگەن، ئاساسلىقى ئېتىزدىكى كۆكتات تۈرلىرىدىن شوخلا، لازا، بەسەي قاتارلىق 20 نەچچە خىل بار ئىكەن. قاتناش، بازار قاتارلىق ئوبوروت ھالقىلىرىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنغان ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىكەن، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، بازار يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولغان.

  بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى. ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولۇپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى %90تىن ئاشقان، ئېڭىز ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. ھەرقايسى جايلار «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىنى «مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش»نى ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كەسكىن ۋەزىيىتىگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقتىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى قىلماي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېڭىز يېرىدىن ۋە ھويلا-ئارانلاردىكى بوش يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى بەسەي، چامغۇر قاتارلىق قىشلىق زاپاس كۆكتات تېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆكتات مەھسۇلاتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ بازارغا سېلىشىغا ياردەم بەرگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەلەپ بويىچە تەرتىپلىك تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشتىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.