8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتىدىكى شاپتۇللۇققا كىرگىنىڭىزدە، رەڭگى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان توغاچ، توغاچ شاپتۇل، شىرنىلىك شاپتۇللار شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى، باغۋەنلەر مېۋە ئۈزۈش، سېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى 1200 مودىن ئارتۇق يەرگە شاپتۇل كۆچىتى تىكتى، بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، پىشقان شاپتۇللارنىڭ پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، قەنت تەركىبى يېتەرلىك بولۇپ، بازىرى ئىتتىك بولدى، ھەر مو شاپتۇلدىن كىرىدىغان پايدا 5000 يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.