تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ. سۇ مەنزىرىسى (53) | رەڭدار باركۆل

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى 

    باركۆل قەدىمدە خەنزۇچە «پۇلېي دېڭىزى» دەپ ئاتالغان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1500 مېتىردىن ئاشىدۇ، تۆت ئەتراپى ئېگىز- پەس تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيى ۋە تەبىئىي بۇلاق سۈيى قوشۇلۇپ بۇ كۆلنى ھاسىل قىلغان، كۆلگە مول ئارتېمىيە قوڭغۇزى، مىرابىلىت ۋە تۇز قاتارلىق بايلىقلار توپلانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق تۇزلۇق كۆل ھېسابلىنىدۇ. بىر قۇم توسمىسى جەنۇبتىن شىمالغا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كۆلنى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋەتكەن، شەرقتىكى كۆل زۇمرەتتەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، سۇ ئوتلىرى بولۇق ئۆسكەن، غەربتىكى كۆلدىكى تۇز كاندۇكلىرى خۇددى قاردەك يالتىراپ تۇرىدۇ. 

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جايدىكىلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە كۆل سۈيىدە تاغ شولىلىرى ئەكس ئېتىپ، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. 

ئوتلاق بىلەن ئورالغان باركۆل كۆلىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى

ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت ھەۋەسكارلىرى باركۆل كۆلى ئايلانما تاشيولىدا ساياھەت قىلماقتا

تاڭ نۇرى ئاستىدىكى باركۆل كۆلى

تاڭ نۇرىدا جىمىرلىغان باركۆل كۆلى

باركۆل كۆلىدىكى لەيلىمە كۆۋرۈك

باركۆل كۆلى ئاسمىنىدىكى رەڭلىك شەپەق

قىش كۈنلىرىدىكى باركۆل كۆلى

ساياھەتچىلەر باركۆل كۆلىگە جەم بولدى

پىلانلىغۇچى: سۇڭ جۈن

مۇھەررىر: لى خەنجى 

ئىشلىگۈچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى سۈرەت خەۋەرلىرى بۆلۈمى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.