تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر ئېلان قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1993 - يىلى 8 - ئايدا، 2000 - يىلى 2 - ئايدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشى»، «بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلغان. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى نەزەرىيەسى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان فاڭجېن - سىياسەتلەر سىجىل بېيىتىلدى، راۋاجلاندۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەر توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم، زور سىياسەت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى. لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان، تەيۋەن مىنجىنداڭ دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ باردى، بىر قىسىم تاشقى كۈچلەر كۈچىنىڭ بارىچە «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقتى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، بىزنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ تولۇق شارائىتىمىز، تېخىمۇ تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىقتىدارىمىز بار. كەڭ كادىرلار، ئامما بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشىنىڭ بالدۇرراق ئورۇندىلىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلماقتا، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بەرمەكتە. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەندە، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى توغرىسىدا يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەتنى قايتا تەكىتلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىشتەك قەتئىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەيدانى ۋە سىياسىتىنى بايان قىلىش زۆرۈرىيىتى بار.

  «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەۋقە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، زور مىقداردىكى تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي پاكىتلار ئارقىلىق تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدىغانلىقى، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈرەش مۇساپىسى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشنى كۆزلەپ ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرۇشىنى تېزلىتىشى ھەم ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قىلمىشى ۋە بىمەنە سەپسەتىلىرى چوڭقۇر پاش قىلىندى، تەنقىد قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور سىياسەت - فاڭجېنى ۋە سىياسەت تەشەببۇسى سىستېمىلىق بايان قىلىندى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» بويىچە تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىنكى پارلاق ئىستىقبال ئېنىق ئىزاھلاندى، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەشتىكى ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىمىز تولۇق ئىپادىلەندى.

  ھازىرقى چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە، بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن تاشقى كۈچلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈش، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاش، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، جاسارىتىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئەڭ زور سەمىمىيەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشتەك مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسىدىن قايتماي دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئارال ئىچىدىكى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوللايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

  ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭمۇ بەختى. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋىجدانلىق جۇڭگولۇقلاردىن بولۇپ، تەيۋەننىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ھەققانىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئادالەت يولىدا مېڭىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.